Uyghur主要词典
تىنچلانماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ۋاراڭ - چۇرۇڭ، جاڭجال، ھەرىكەت قاتارلىقلار توختاپ جىم بولماق.
تىنچلىنايلى قېرىنداشلار، تىنچلىنايلى!
ھاياجىنىنى، ئاچچىقىنى بېسىپ، ئۆزىنى تۇتماق.
- ئالدىرىما، تىنچلان! - دېدى ئايال كۈلۈپ.
خاتىرجەم بولماق، ئارام تاپماق.
ئۇنىڭ كۆڭلى بىرئاز تىنچلاندى.
ئۇرۇش ھالىتى، ۋەزىيىتى پەسەيمەك.
ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ ئەل تىنچلاندى.
ئاغرىق، دەردتىن، ئازابتىن بىرئاز ئارام تاپماق.
ئۇ باش ئاغرىقىدا <ۋاي - ۋاي> دەپ ئۇخلىيالمىغانىدى. باش توخۇدا بىرئاز تىنچلاندى.
كۆچمە. پۈتۈن ھەرىكەت، پائالىيەتتىن توختىماق، ئۆلمەك.
ھەممە پوتىيىڭلار ياسىلىپ بولغۇچە ئۆزۈڭلارنىڭ بېشىنى يەپ تىنچلىنىسىلەر! - دېدىم ئۇلارغا خاپا بولۇپ.