Uyghur主要词典
تىنچلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇرۇش يوق، خەۋپ _ خەتەردىن خالىي ھالەت.
دۇنتا تىنچلىقىنى قوغداش. تىنچلىق _ پۈتۈن ئەلنىڭ مەنپەئىتى. تىنچلىق دېسەڭ، جەڭگە تەييار تۇر. تىنچ _ ئامانلىقنىڭ قەدىرىنى بېشىدىن مالىمانچىلىق ئۆتكەن بىلەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
جەڭگى - جېدەلسىز، بەخىرامانلىق، ساق - سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ھالەت.
تىنچسىزلىق، مالىمانچىلىق، پاراكەندىچىلىك، ئەنسىزچىلىك ، خېيىم - خەتەرلىك
جەڭگى - جېدەل بولۇپ تۇرغان، قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئالغان ھالەت.
تەڭگىدىن تېنچلىق قىممەت. ئەل ئامانلىقنى تىلەر، دۈشمەن يامانلىقنى. ئېسەنلىك يادىڭدا بولسا، يامانلىقتىن ساقلىنىسەن. تىنچ - ئامانلىق سوراشماق ئەدەبتىنلا ئەمەس، ئىنساپتىن. ئامان - ئېسەنلىك ئەڭ زور دۆلەت. بېشىدىن مالىمانچىلىق ئۆتمىگەن تىنچلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەس. پاراكەندىچىلىك غۇربەتچىلىككە باشلايدۇ. بىر ئۆيگە ئوغرى كىرسە، ئون ئۆيدە ئەنسىزچىلىك. تىنچسىزلىق ھۆكۈم سۈرسە، قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئالىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
دۆلەتلەر، مىللەتلەر، گۇرۇھلار ئارىسىدا بولغان قوراللىق كۈرەش توختىغان ھالەت.
ئۇرۇش، سوقۇش، جەڭ، يېغا (يېغىلىق)
دۆلەتلەر، مىللەتلەر، گۇرۇھلار ئارىسىدا بولغان قوراللىق كۈرەش.
ئۇرۇش - تالاشتىن باشلىنىدۇ. ئۇرۇشنى بىلمىگەن كۈچلۈكنىڭ كۈچى زايا. جەڭگە كەتكەننىڭ ھەممىسى جەڭچى ئەمەس. ئۇرۇشنىڭ يېگىنى پۇل، ئىچكىنى قان. سوقۇشنىڭ كۆزى سوقۇر. ئۇرۇش - خان - پادىشاھلارنىڭ ئىچ پۇشۇقى. يېغىدىن يار بويى قاچ. يېغىلىقتا يات ياخشى. تەڭگىدىن تىنچلىق قىممەت. سۈلھ جەڭدىن ياخشىراق بولار. ھوشيار بول، كەتمىسۇن قولدىن مال ۋە جان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىشىنىڭ ئارامىنى بۇزمايدىغان، ۋاراڭ - چۇرۇڭ، ھەر خىل ھەرىكەتلەردىن خالىي ھالەت.
دەرەخ جىم تۇراي دېسىمۇ شامال جىم تۇرغۇزمىغاندەك، بەزىلەر ئۇلارغا تىنچلىق بەرمەيتتى.
ئامانلىق، ئامان - ئېسەنلىك.
تىنچلىق سوراشماق.
ئۇرۇش، توقۇنۇش، ماجىرا، جېدەلدىن خالىي ھالەت.
ھەممىگە مەلۇمكى، ئۇرۇش بىلەن تىنچلىق بىر - بىرىگە ئايلىنىدۇ.
<يوق، يۈز بەرمىدى> دېگەن مەنىدە كېسىم ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ.
- قانداق، بىرەر خەۋەر بارمىكىن؟ - دېسەم، - ھازىرچە تېخى تىنچلىق، خەۋەر كەلسىلا، دەرھال چاقىرتىمىز، - دېدى ئۇ ماڭا.