Uyghur主要词典
تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى
دۇنيا تارىخى
قىسقارتىلىپ <بەش پرىنسىپ> دەپ ئاتىلىدۇ. 1954 - يىلى 4 - ئايدىكى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو شىزاڭ رايونى بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا سودا ئالاقىسى قىلىش ۋە قاتناش توغرىسىدىكى كېلىشىمى> دە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويۇلغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا، جۇڭگو - ھىندىستان، جۇڭگو - بىرما زۇڭلىلىرى سۆھبىتىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا بەش پرىنسىپىنى خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ يىتەكچى پىرىنسىپى قىلىش تەكىتلىگەن. كونكرېت مەزمونى مۇنداق: ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش؛ ئۆزئارادەخلى - تەرۇز قىلماسلىق، ئۆزئارا ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق؛ باراۋەرلىك ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش. بەش پرىنسىپ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاساسىي پرىنسىپقا ئايلانغان.