Uyghur主要词典
تېجەش ئۇسۇلى
پسىخولوگىيە
بۇ ئۇسۇل «قايتا ئۆگىنىش ئۇسۇلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ گېرمانىيە پسىخولوگى ئىجاد قىلغان ئۆگىنىش خاتىرىسىنى ئۆلچەشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى، يەنى ئەستە قالدۇرۇلىدىغان ماتېرىيالنى ئۆگىنىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، مەسىلەن: يادا ئوقوغىدەك بولغاندا، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكۈزۇپ، يەنى ئۇنتۇلۇپ، يادا ئوقويالمىغىدەك ھالغا كەلگەندە تاكى يادا ئوقوغىدەك بولغىچە ئىلگىرىكى تەرتىپ بويىچە باشقىدىن ئۆگىنىش، ئاندىن كېيىن ئىككى قېتىملىق كەتكەن ۋاقىتنى ياكى ئوقوشنىڭ قېتىم سانىنى بىر - بىرىگە سېلشتۇرۇپ، مۇتلەق تېجەلگەن قىممەتنى، يەنى ئىلگىرى ئۆگىنىشكە كەتكەن ۋاقىت مىقدارى بىلەن قايتا ئۆگىنىشكە كەتكەن ۋاقىت مىقدارى ئارىسىدىكى پەرقنى تېپىپ، بۇ تىجەلگەن مۇتلەق قىممەتنى ئىلگىرى ئۆگىنىشكە كەتكەن ۋاقىت مىقدارىغا بۆلۈپ، تېجەلگەن نىسپىي قىممەتنى تېپشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ فومۇلىسى مۇنداق: ئىلگىرىكى ئۆگىنىشكە كەتكەن ۋاقىت (ياكى قېتىم) سانى/تېجەلگەن ۋاقىت (ياكى قېتىم) سانى×100 = تېجەلگەن ئۈنۈم بۇ خاتىرىنىڭ بىر خىل سانلىق كۆرسەتكۇچىسىدۇر. تېجەش ئۇسۇلى قايتا ئۆگىنىش ۋاقتىنى ئالدىنقى ئۆگىنىش ۋاقتىغا سېلىشتۇرماي، بەلكى ھازىر ئۆگەنگەن مەلۇم تەڭ قىممەتتىكى ماتېرىيالنى ئەستە قالدۇرۇشتا، شۇ دەرىجىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاقىت بىلەن سېلىشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: بىر شېئىرنى دەسلەپ ئۆگەنگەندە ئون قېتىم ئوقوش لازىم بولغان بولۇپ، قايتا ئۆگىنىشكە پەقەت ئالتە قېتىم ئوقوش لازىم بولسا، تېجەش نىسبىتى %40 بولىدۇ ( ياكى ئۇنتۇش نىسبىتى %60 بولىدۇ).