Uyghur主要词典
تېجەشلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسراپچىلىقنىڭ تەتۈرى، ئاياپ ئىشلىتىش.
تېجەشلىك ئادەم قىيىن ئۆتكەلدىن ئاسان ئۆتەر. ئىقتىسادچىللىقنىڭ ئۆزى بىر بايلىق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پۇل - مالنى تېجەپ ئىشلىتىدىغان، ئىقتىسادقا رىئايە قىلىدىغان. ئىقتىسادچىل ئادەم، تېجەشلىك ئانا
ئىسراپخور، بەتخەج
پۇل - مالنى بۇزۇپ چېچىپ زايا قىلىدىغان. ئىسراپخور ئادەم، بەتخەج بالا
بەتخەجلىك بەتبەختلىك بىلەن بىر مەنىدە. ئىشچاننىڭ پۇلى تۈگىمەس، بەتخەجنىڭ قەرزى (تۈگىمەس). تېجەشلىك ئادەم قىيىن ئۆتكەلدىن ئاسان ئۆتەر. دادىسى بېخىلنىڭ بالىسى بەتخەج.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تېجەپ ئىشلىتىلىدىغان، بۇزۇپ - چاچمايدىغان، ئىقتىسادچىل.
ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يىغىنى بىر قېتىملىق ئاددىي، تېجەشلىك يىغىن بولدى.