Uyghur主要词典
تېجىمەل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشلەردىن پۇل _ مال، نەرسە _ كېرەك تىلەپ تىرىكچىلىك قىلغۇچى.
« قەلەندەر »،« دىۋانە » لەرنى بەزى دىني كىتابلاردا خۇدا يولىدىكى « ئاشىق » دەپمۇ تەرىپلەيدۇ. « ئابدال » كۆپىنچە خاماندىن ئاشلىق تىلەيدۇ.
« تىجىمەل » باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ئۇششاق _ چۈش
تىلەمچىنىڭ خالتىسى تۈۋى يوق ھاڭ. ئارزۇ ئەمەلىيەتكە بارۋەر بولسا، تىلەمچى ئاللىقاچان باي بولۇپ كېتەتتى.قەلەندەرنىڭ خۇرجۇنى توشماس. قەلەندەردىن قەلەندەرگە خەير يوق. دىۋانىگە نېپىز نان بەرسەڭ، « قېلىنىنى كىم ئالغان » دەر. ئىتنىڭ قاۋىغىنى بىكار، ھايان دىۋانىنىڭ. ئابدالغا كەپسەن بەرسەڭ، جىڭىڭ راستمۇ دەر. بۇقا بوينىغا يىغار، ئابدال قوينىغا. يالاقچى يالاق بىلەن ماڭىدۇ، تېجىمەل تاباق بىلەن. تېجىمەل كېپەن تاپسا ئۆلۈۋالار.
شىۋىلەر
دېدەك، مالاي، چاكار (قۇمۇلدا)؛ خەقلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئۇششاق - چۈششەك ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىپ قورساق باقىدىغان ئادەم تېجىمەل دېيىلىدۇ (تۇرپان، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا)؛ نەپ بەرمەيدىغان، بېخىل (قەشقەردە)؛ بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئاڭلىغان، كۆرگەنلىرى كۆپ بولغاچقا، «يولنى كارۋاندىن سوراڭ، گەپنى تېجىمەلدىن» دېگەن ماقال كېلىپ چىققان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەپ، مەنپەئەت ئۈچۈن يۇرت ئارىلاپ، ھەممە يەرنى كېزىپ، قاتراپ يۈرىدىغان قورساق باقتى ئادەم.
تېجىمەل كېپەن تاپسا ئۆلۈۋالار (ماقال).
گەپنى تېجىمەلدىن سورا، يولنى كارۋاندىن (ماقال).
سۈپ. ئاتا - ئانىسى يوق، ئىگە - چاقىسىز، يېتىم.
تېجىمەل بالا.
سۈپ. ئانىسىدىن ئايرىلغان، ئانىسى ئۆلۈپ قالغان، يېتىم (قوزا ياكى ئوغلاق ھەققىدە).
تېجىمەل قوزا.