Uyghur主要词典
تېتىكلىك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكتى ناھايىتى تېز ۋە ئەپلىكلىك.
ئەزمىلىك، ئېزىلەڭگۈلۈك، مىلجىڭلىق، گىجىڭلىق، پالاكەتلىك، ئايىقى ئېغىرلىق
ئىش - ھەرىكىتى بەك ئاستا ۋە قوپاللىق.
چاققانلىق - ئىشچانلىق. چەبدەسلىك ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئەپچىللىك - ئەلگە كېرەكلىك. تېتىكلىك قېرىلىقنىڭ نىجات يولى. ئايىغى يېنىكلىك ئاشقا، ئاغزى يېنىكلىك باشقا. ئەزمىلىك ئەلنى بەزدۈرەر. ئېزىلەڭگۈلۈك - ئاچلىقنىڭ ئاساسى. مىلجىڭلىق - كۈلكىلىك. ئايىغى ئېغىرلىق قىلغاننىڭ نېسىۋىسى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تېتىك ھالەت، خاراكتېر.
ئۇ ئۆزىنىڭ سەپداشلىرى ئىچىدە تېتىكلىكى، پىكرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئالاھىدە ئايرىلىپ تۇراتتى.