Uyghur主要词典
تەۋرىتىپ ئۆستۈرۈش
بىئولوگىيە
ئوكسىگېن خالايدىغان مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇنىڭدا سۇيۇق ئۆستۈرگۈچنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، كولبىلارغا (كونۇس كولبا) بۆلۈپ ئوراپ ستېرىلىزاتسىيىلەپ، سوۋۇتۇپ، مىكرو ئورگانىزمنى ئېكىپ، ئاندىن تەۋرەتكۈچكە قويۇپ بەلگىلىك تېمپېراتۇرىدا تەۋرىتىلىدۇ. كولبا ئاغزىغا بىر قانچە قەۋەت داكا تىقىلغاچقا، تەۋرىتىش جەريانىدا سىرتتىكى ھاۋا بىلەن كولبا ئىچىدىكى ھاۋا ئالمىشىپ، باكتېرىيىگە يېتەرلىك بولغان ئوكسىگېنگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بۇ باكتېرىيىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق. ئۆتىدىغان ھاۋانىڭ مىقدارى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئوكسىگېن خالاش دەرىجىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، كولبىغا قاچىلىنىدىغان ئۆستۈرگۈچ مىقدارى بىلەن تەۋرىتىش قېتىم سانىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. تەۋرىتىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى پەن تەتقىقاتىدا تېخىمۇ كۆپ ئۆستۈرۈلگەن مىكرو ئورگانىزم ۋە مېتابولىزم مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەمەلىيىتىدە ئۇرۇق تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.