Uyghur主要词典
تەۋرات
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي كىتابى. مۇسا پەيغەمبەرگە نازىل بولغان، دىيىلىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يەھۇدىلارنىڭ دىنىي كىتابى (دىنىي قاراش بويىچە ئاللاتائالادىن مۇسا پەيغەمبەرگە ئەۋەتىلگەن كىتاب).
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەپچە سۆز ئىبرانىي يېزىقىدىكى توراھدىن كەلگەن. <قۇرئان كەرىم> دە يەھۇدىي دىنىنىڭ <قانۇننامە> (تەۋرات ياكى ئەسفار پەنجىگانە) سىنىڭ ئاتىلىشىدىن ئىبارەت. بۇ سۆز قۇرئاندا 10 نەچچە قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. (مەسىلەن، 3 - سۈرىنىڭ 3 -، 4 -، 48 -، 50 -، 65 -، 93 - ئايەتلىرىدە؛ 5 - سۈرىنىڭ 43 -، 44 -، 46 -، 66 -، 68 -، 110 - ئايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ). ئۇ <ئىنجىل>، <زەبور> ۋە <قۇرئان كەرىم> بىلەن بىر قاتاردا ئىسلام دىنى ئېتىراپ قىلىدىغان تۆت ساماۋى كىتابنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا <قۇرئان كەرىم> دە يەھۇدىيلار ئەھلى كىتابلار دېيىلىدۇ. ئىسلام دىنى گۈللىنىشتىن ئىلگىرى يەھۇدىي دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھىجاز، يەمەن قاتارلىق جايلاردا كەڭ تارقالدى. يەھۇدىي دىنىدىكى ئادەم ئەلەيھىسسالام، ياقۇپ ئەلەيھىسسالام، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلەر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر كۆپ ئىلاھقا ۋە بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئەرەبلەرگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، رىۋايەتلەردىكى بۇ شەخسلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەھكام، پەرز، مۇراسىم، يوسۇن، ئېتىقاد قاتارلىقلار ئاللانڭ يەھۇدىيلارنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھىيسىدىن ئىبارەت؛ رىۋايەتلەردە زىكرى قىلىنغا شەخسلەر <قۇرئان كەرىم> دە كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلىدۇ: <بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا) تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. تەۋراتتا (توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان) ھىدايەت ۋە نۇر بار، (ئاللانىڭ ھۆكۈمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم قىلىدۇ، يەھۇدىيلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللا (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ...> (5 - سۈرىنىڭ 44 - ئايىتىدىن)، <ھالبۇكى ... ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ (قەستەن) ئۆزگەرتىۋەتتى> (2 - سۈرىنىڭ 75 - ئايىتىدىن).
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز ئەسلىي ئىبرانىي يېزىقىدىكى <ئورا> دىن كەلگەن، <قۇرئان كەرىم> دە يەھۇدىي دىنى <ئەسفار پەنجگانە> شۇنداق دېيىلىدۇ. ئۇ <زەبۇر>، <ئىنجىل> ۋە <قۇرئان كەرىم> بىلەن بىر قاتاردا ئىسلام دىنى ئېتىراپ قىلغان تۆت ساماۋى كىتاب ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھىجاز، يەمەن قاتارلىق رايونلاردا يەھۇدىي دىنى كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭدىن پەيغەمبەرلەر (مەسىلەن، ئادەم ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ياقۇپ ئەلەيھىسسالام، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قاتارلىقلار) توغرىسىدىكى ماتېرىياللار <قۇرئان كەرىم> دىمۇ ئىپادىلەنگەن. ئىسلام دىنى <تەۋرات> يەھۇدىي دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان، دەپ قارايدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە يەھۇدىيلار <ئەھلى كىتاب> (كىتابى بار كىشىلەر) دېيىلىدۇ. بۇ <كىتاب> <تەۋرات> تۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى.