Uyghur主要词典
تەۋرەتمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<تەۋرىمەك> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئانىنىڭ ئاغرىۋاتقان قوللىرى بۆشۈكنى ئاران - ئاران تەۋرىتەتتى.
كۆچمە. پەيدا قىلماق، قوزغىماق.
ئۇلار بۇ قېتىم خېلى ئىشلارنى تەۋرىتىۋەتتى.
كۆچمە. يېزىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرمەك، يازماق.
شۇڭا قەلەم تەۋرەتتىم ئۆرلەپ قەلبىم جۇشقۇنى، نەزمەم - مېھنەت پېچىدىن چاچرىغان ئوت ئۇچقۇنى.