Uyghur主要词典
تەۋرىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر ئۇ يەردە ئۇياق - بۇ ياققا چايقالماق.
قەيسەر ئۇرۇندۇقتىن تەۋرەپمۇ قويماي، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇردى.
سىلكىنمەك، تىترىمەك.
بوراننىڭ گۈركىرىشىگە تاغ تەۋرىمەس (ماقال).
كۆچمە. لەرزىگە كەلمەك، قوزغالماق، داغدۇغىلىق كەيپىياتقا كەلمەك.
ئاتا - ئانىلار سورىنىمۇ ھاياجاندىن تەۋرەپ كېتىشتى.
كۆچمە. بوشىماق.
شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭ ئىرادىسى سەل تەۋرەپ قالدى.