Uyghur主要词典
سېلسىيە شكالىسى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
فىزىكا
كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل تېمپېراتۇرا شكالىسى. بۇنىڭدا، سۇنىڭ ئاتموسفېرا بېسىمى ئاستىدىكى مۇزلاش نۇقتىسى 0 گرادۇس، قايناش نۇقتىسى 100 گرادۇس قىلىپ بەلگىلەنگەن. 0 گرادۇس بىلەن 100 گرادۇس ئارىلىقى 100 تەڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر بۆلەك بىر گرادۇسقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ <℃> ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل شكالىنى شۋېدسىيىلىك ئاسترونومىيە ئالىمى سېلىسئۇس (Anders Celsius) كەشپ قىلغاچقا، شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.