Uyghur主要词典
سېگفرېد مۇداپىئە لىنىيىسى
领域: دۇنيا تارىخى1936 - 1939 - يىللىرى فاشىست گېرمانىيىسى غەربىي چېگرىدا قۇرۇپ چىققان مۇداپىئە ئىستىھكام سىستېمىسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 500 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆپ قىسىم بۆلىكى فرانسىيىنىڭ ماگىنوت مۇداپىئە لىنىيىسىگە يانداش بولغان. سېگفرېد گېرمانىيەنىڭ ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى خەلق ئارىسىدىكى تارىخىي داستان <نىبورونگې ناخشىسى> دىكى قەھرىمان، رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەجدىھا قېنى بىلەن يۇيغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنى خەنجەر ئۆتمەيدىغان بولغانىكەن. مۇداپىئە لىنىيىسىنىڭ مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىشىدا، يىمىرىلمەيدۇ، دېگەن مەنىمۇ بار. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بىر مەھەل ئامېرىكا - ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسقان، 1945 - يىلى 3 - ئايدا بۆسۈپ ئۆتۈلگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。