Uyghur主要词典
سېلاسسې
دۇنيا تارىخى
(1892 - 1975)ئېفوپىيەنىڭ پادىشاھى (1930 - 1974). ئەسلى ئىسمى تافارىماكوننېن. خارار ئۆلكىسىدىكى پادىشاھ جەمەتىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا فرانسىيلىك مىسسىئونېردىن تەربىيە ئالغان.1906 - يىلى يېڭىچە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. سالالېنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن.1907 - يىلى سىدامونىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1910 - يىلى خارار ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1916 - يىلى ئوردا سياسىي ئۆزگىرىشى قىلىپ، ئۆزى نايىب شاھ ۋە ۋەلىئەھد بولىۋالغان. نايىب شاھ بولغان مەزگىلدە، ياۋرۇپا ۋە ئاسىيادىكى نۇرغۇن مەملىكەتلەرگە بېرىپ زىيارەت قىلغان ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان؛ ئىچكى ئىشلارنى ئىسلاھ قىلغان. ئارمىيىنى تەرتىپكە سالغان، پادىشاھلىق مۇھاپىزەتچى قوشۇن تەشكىللىگەن، بانكا ۋە مەكتەپلەرنى قۇرغان، چەت ئەلگە ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋەتكەن، ياۋرۇپالىقلارنى مەسلىھەتچىلىككە ۋە تېخنىكىلىققا تەكلىپ قىلغان، چەتتىن تېخنىكا كىرگۈزگەن، ھاكىمىيەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن. 1928 - يىلى ئۆزى پادىشاھ بولۇۋالغان. 1930 - يىلى ئايال پادىشاھ زاۋدىتۇ ئۆلگەندىن كېيىن پادىشاھلىق تاج كىيىپ، سېلاسسې Ⅰ دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى يىلى ئېفىئوپىيە بويىچە تۇنجى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىققان. 1935 - يىلى ئىتالىيە ئارمىيىسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتكەن. كېيىن ئېرۇسالىمغا كېتىپ، ئەنگىليىدە سەرگەردان بولغان. 1940 - يىلى سۇداندا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئويۇشتۇرغان. 1941 - يىلى 5 - ئايدا ئىتالىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ، تەختنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1971 - يىلى 10 - ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان. 1974 - يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتە بىكار قىلىنغان.