Uyghur主要词典
سېلسىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
دەسلەپكى مەزگىلدىكى گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سېتىخىيىلىك ئاممىۋى قوزغىلىڭى. 1844 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4، 6 - كۈنلىرى سېلسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى پېتېر سۋالدۇ ۋە لانگېنبېلائۇ قاتارلىق تاغلىق كەنتتىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ھۆددىگەر سودىگەر ۋە كاپىتالىستلارنىڭ دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىگە چىدىماي، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.قوزغىلاڭچىلار زاۋۇت ئىگىلىرىنىڭ ئۆي - جايلىرى، زاۋۇت ئۆيلىرى ۋە ماشىنىلارنى ۋەيران قىلىپ، ھۆججەت ۋە ھېسابات دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يەرلىك قوشۇن بىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، قوزغىلاڭچىلاردىن 11 كىشى قۇربان بولغان، 24 كىشى ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن كۈرەشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرغان، پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى زور قوشۇن يۆتكەپ كەلگەندىلا قوزغىلاڭ ئاخىر باستۇرۇلغان. 70 تىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان. بۇ، گېرمانىيىدىكى ئىشچىلار سىنىپى بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق زور ئېلىشىشى بولۇپ، گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مۇستەقىل سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.