Uyghur主要词典
شىئەندىكى جۇاجۆ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى شەنشى شىئەن شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى خۇاجۆ كوچىسىدا. مەسچىتنىڭ سېلىنغان ۋاقتى توغرىسىدا ھەر خىل رىۋايەتلەر بار. بەزىلەر تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان دېسە، بەزىلەر مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان دەيدۇ. بۇ مەسچىت جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بولۇپ، كۆلىمى غايەت چوڭ، بىنالىرى كۆركەم، مەسچىتتە ئىسلام دارىلفۇنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەدرىسە تەربىيىسىدە « شەنشى ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر » نىڭ مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسچىت مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىلگەن.