Uyghur主要词典
شىئەندىكى داشۆشىخاڭ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدىكى داشۆشىخاڭ ( بۇرۇنقى ئىسمى شىنشىڭخاڭ ) دا. بۇرۇن « مەسچىت »، « شىئەن جامەسى » دەپ ئاتالغان. بۇ مەسچىت 705 _، 742 _، 1263 _ يىلى سېلىنغان، دېگەن گەپلەر بار. 1297 _، 1384 _، 1413 _ يىللىرى چوڭ رېمونت قىلىنغان. كۆلىمى خۇاجۆ مەسچىتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمغا تەڭ كېلىدۇ. ئىمارەتلىرىنىڭ سېلىنىشى، ئىشىك _ دېرىزىلىرى، پەلەمپەي _رىشاتكىلىرى جۇاجۆ مەسچىتىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئابىدىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، مەسچىت تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.