Uyghur主要词典
شىئە مەزھىپى
دۇنيا تارىخى
يەنى <什叶派>.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى ئاساسلىق مەزھەپلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنى تارىخىدا سۈننىي مەھىپى بىلەن شىئە مەزھىپى ئىككى سىياسىي مەزھەپ بولغان. <شىئە> دېگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ئەگەشكۈچى>، <گۇرۇھ>، <شېرىك> دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام دىنىدا ھەزرىتى ئەلىنى ۋە ئۇنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانۇنلۇق ئىز باسارى دەپ ھىمايە قىلىشنى ئېتىراپ قىلغانلىكى مەزھەپلەر <شىئە مەزھىپى> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىياسىي تەشەببۇس، ئىماملار تەزكىرىسى ۋە دىنىي ئەقىدە مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەيسانىيە ئېقىمى، زەيدىيە ئېقىمى، ئىسمائىلىيە ئېقىمى ۋە ئون ئىككى ئىمامچىلار (ئىسنائەشەرىيە) قاتارلىق مۇھۇم تارماق مەزھەپلەر بۆلۈنۈپ، چىققانلىقتىن، تارىختا بۇ مەزھەپنىڭ بىرلىككە كەلگەن تەشكىلىي ۋە ئەقىدە تەلىماتى شەكىللەنمىگەن. شىئە مەزھىپى ھازىر ئىسلام دىنىدا سۈننىي مەزھىپىدىن قالسىلا 2 - چوڭ مەزھەپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزھەپتىكى ئادەم سانى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 51 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ (بەزىلەر 17 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ دەيدۇ). بۇ مەزھەپتىكىلەر ئاساسلىقى ئىران، ئىراق، ھىندىستان، پاكىستان، يەمەن، سۇرىيە، لىۋان، ئافغانىستان، تۈركىيە، بەھرەيىن قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان.
شىئە مەزھىپى ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىك گۇرۇھى ئىچىدە خەلىپە ئورنىنى تالىشىدىغان سىياسىي كۈرەش داۋامىدا شەكىللەنگەن. 632 - يىلى مۇھەممەدە ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا خەلىپە ھوقۇقىنى تالىشىدىغان كۈرەش پەيدا بولۇپ، مۇھاجىرلار، ناسارالار ۋە ئەھلى ھەقلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. كېيىن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسماندىن ئىبارەت ئۈچ خەلىپە سايلاپ چىقىلدى. بۇ مەزگىلدە ساھابە سەلمان فارىسى، ئەبۇ دارىل، ئابدۇللا سابائى، خالىد بىننى سەئىد قاتارلىق كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوقۇقىغا ئۇنىڭ تۇغقىنى، دىنغا ھەممىدىن بالدۇر كىرگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ، دىنىي تەبلىغاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن ھەزرىتى ئەلى ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەلىنى ھىمايە قىلىدىغان سىياسىي مەزھەپ شەكىللەندى، بۇلار ئەلىچىلەر دەپ ئاتالدى. 656 - يىلى ئۈچىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئوسمان قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلى تۆتىنچى خەلىپە بولۇپ سايلاندى. ئەلىچىلەر كۇفەنى مەركەز قىلىپ، كۈچىنى زورايتتى. لېكىن، مۇئاۋىيە باشچىلىقىدىكى خەلىپىلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلماي، قارشىلىق كۆرسەتتى. خاۋارىجلار ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلىنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى. ھەزرىتى ئەلى 661 - يىلى كۇفەدە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. كۇفەلىكلەر ھەزرىتى ئەلىنىڭ چوڭ ئوغلى ھەسەننىڭ خەلىپىلىككە ۋارىسلىق قىلىشنى ھىمايە قىلدى. سۈرىيىنىڭ باش ۋالىيىسى مۇئاۋىيە سۈرىيە، ئىراق ۋە مىسىرنى ئەسكىرىي كۈچ بىلەن كونترول قىلىپ، خەلىپىنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىپ، دەمەشىقتە ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنى قۇردى ھەمدە ھەسەننى خەلىپلىكتىن ۋاز كېچىشكە قىستىدى ۋە ئالدىدى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بېسىم تۈپەيلىدىن ئىراق ۋە پرسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا چېچىلىپ، مەخپىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەلىچىلەر ئۇمەۋىيە سۇلالىسىغا قارشى كۈرەش داۋامىدا تەدرىجىي شەكىللىنىپ، شىئە مەزھىپى بولۇپ تەرەققىي قىلدى.
680 - يىلى مۇئاۋىيە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەككە، مەدىنىدىكى ھەزرىتى ئەلى جەمەتىدىكىلەر (ھاشىم جەمەتىدىكىلەر) بىلەن ھەزرىتى ئەلىنىڭ كۇفەدىكى كونا قوشۇنى بىرلىشىپ مۇئاۋىيەنىڭ ئوغلى يەزىدنىڭ خەلىپە بولۇشىغا قارشى تۇرىدى. كۇفەلىكلەر ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ھۈسەيىننىڭ خەلىپە بولۇشىنى قوللىدى. ھۈسەيىن ئۆز ئادەملىرى بىلەن مەدىنىدىن كۇفەگە مېڭىپ كەربالاغا كەلگەندە ئۇمەۋىيە قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. يەزىدنىڭ خەلىپىلىكىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىغانلىقتىن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ. كەربالا پاجىئەسى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى قاتتىق چۆچۈتىدۇ. جايلار يەزىدنىڭ زوراۋانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ. شىئە مەزھىپىدىكىلەر تېخىمۇ كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ. ئۇمەۋىيە سۇلالىسىدىن نازارى بولغان پرسىيە، ئىراق تەۋەسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر شىئە مەزھىپىنىڭ ئوغلىنىڭ تارتىۋېلىنغان ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللايدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىئە مەزھىپىنىڭ كۈچى زورىيىدۇ. <شېھىت بولغان ھۈسەيىننىڭ قىساسىنى ئېلىش> شوئارى ئاستىدا <ھوقۇقنى پەيغەمبەر جەمەتىگە قايتۇرۇپ بېرىش> توغرىسىدىكى شەرىئەتكە لايىق بۇرۇنقى تەرغىبات پائالىيىتى ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتىش يولىدىكى سىياسىي كۈرەشكە بۇرۇلۇپ، كۆپ قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ ۋە توپىلاڭلار بولىدۇ. 685 - يىلىدىن 687 - يىلىغىچە كۇفەدە شىئە مەزھىپىدىكى مۇختار قوزغىلىڭى بولۇپ، ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە ئۇلار شىئە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇختارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى شىئە مەزھىپىنىڭ كەيسانىيە ئېقىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئېقىم ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئىبنى ھەنەفىيەنى غايىب بولغان ئىمام دەپ قارايدۇ ھەمدە غايىب بولغان ئىمام ۋە مەھدى دۇنياغا كېلىپ ئادالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، دېگەن تەلىماتنى يارىتىدۇ. 740 - يىلى ھۈسەيىننىڭ نەۋرىسى زەيىد بىننى ئەلى ئىمامنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن، كۇفەدە قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ئۇمەۋىيە سۇلالىسى ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرىدۇ. زەيىد جەڭدە قازا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى زەيدىيە مەزھىپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەھلى ھەدىسلەرنىڭ ئەقىدىسىگە يېقىنلىشىدۇ. ھاشىم جەمەتىدىكى ئابباسىيلار شىئە مەزھىپى بىلەن سىياسىي ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش كويىدا بولىدۇ. 750 - ماددا ئابباسىيلار خۇراساندىكى شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ بولغان ئەبۇ مۇسلىمنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، خەلىپىلىكىنى قولغا ئېلىپ ئابباسىيلار سۇلالىسىنى قۇرىدۇ. ئابباسيلار شىئە مەزھىپىنىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دۆلەتنىڭ پېشقەدەم ئاساسچىسى ئەبۇ مۇسلىمنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ھەمدە ھەر خىل رەھىمسىز ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەۋلادلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ، جايلاردىكى شىئە مەزھىپى قوزغىغان قوزغىلاڭلارنى باستۇرىدۇ. ئابباسيلار سۇلالىسىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ئاستىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىئە مەزھىپىدىكى تارماق مەزھەپلەرنىڭ ئىمامغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىشى ئارقىسىدا ئىچكى جەھەتتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بۆلۈنۈش بولىدۇ. كەيسانىيە ئېقىمى قوراللىق كۈرەشتىن ۋاز كېچىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا قايتىپ كېتىدۇ؛ ھەسەم ئېقىمى ئابباسيىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قوراللىق كۈچ بىلەن داۋاملىق قارشى تۇرىدۇ؛ ئالتىنچى ئىمام جەئفەر سادىق باشچىلىقىدىكى ھۈسەيىن تارماق ئېقىمىغا مەنسۇپ بولغان شىئە مەزھىپىدىكىلەر، سىياسىي كۈرەشتە مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، دىنىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. جەئفەر سادىق نەزەرىيە جەھەتتە شىئە مەزھىپىنىڭ ئىمامەت ۋە فىقھە ئاساسىنى سېلىپ، جەئفەرىيە دەپ ئاتىلىدۇ. جەئفەر سادىق 765 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىمامنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش مەسلىسىدە ئىختىلاپ پەيدا بولىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر جەئفەر سادىقنىڭ ئىككىنچى ئوغلى موسا كازىمنىڭ ئىمام بولۇشىنى قوللايدۇ. كېيىن ئون ئىككى ئىمامچىلار تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ. ئاز ساندىكى كىشىلەر يەنىلا جەئفەر سادىقنىڭ ۋاپات بولغان چوڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ ئىمام بولۇشىنى قوللاپ، ئىسمائىلىيە بولۇپ شەكىللىنىدۇ. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شىئە مەزھىپىنىڭ تارماقلىرى جايلارغا دائى (دىنى ئەھكام تارقاتقۇچى) لارنى ئەۋەتىپ، ئۆز ئەقىدىلىرىنى تارقىتىدۇ ھەمدە ئۇيۇشمىلارنى قۇرۇپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىدۇ، قوراللىق كۈرەش داۋامىدا تەرەققىي قىلىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكى تارماق مەزھەپلەرنىڭ ئۆلىمالىرى ئۆز مەزھىپىنىڭ ئەقىدە تەلىماتلىرىنى بەرپا قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسمائىلىيەنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئەقىدە تەشەببۇسلىرى پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا تارقىلىپ، شىئە مەزھىپىدىكى ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئىگە كۈچ بولۇپ قالىدۇ. شىئە ۋە سۇلالىلەرنى قۇرغان. مەسلەن، شىمالىي ئافرىقا ۋە مىسىردا فاتىمىيە سۇلالىسى، سۈرىيىدە ھەمدانىيە سۇلالىسى، ئىراندا ئىسمائىلىيە سۇلالسى، بەھرەيىندە قەرمەتىيە دۆلىتى، يەمەندە زەيدىيە سۇلالىسى، ئىران ۋە ئىراقتا بۇۋەيھىيە سۇلالىسى قاتارلىقلارنى قۇرغان. 945 - يىلى بۇۋەيھىيە سۇلالىسى باغداتقا كىرگەندىن كېيىن، شىئە مەزھىپىنىڭ كۈچى ۋە ئەقىدە تەلىماتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، تارىختا <شىئە مەزھىپىنىڭ ئەسىرى> دەپ ئاتالغان. 13 - 9 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا جايلاردا سۈننىي مەزھىپىنىڭ ھوقۇق تۇتۇشىغا ۋە يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىسمائىلىيەنىڭ تارماق مەزھەپلىرى جايلاردىكى ھاكىمىيەتلەردىن ئايرىلىپ قېلىپ، كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن. بۇلاردىن پەقەت زەيدىيە ۋە ئىسمائىلىيە تەرەققىي قىلغان. 1502 - يىلى ئىراندا سەفەۋىيە باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئون ئىككى ئىمامچىلىق (ئىسنا ئەشئەرىيە) نى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن شىئە مەزھىپى گۈللىنىشكە باشلىدى. سۇلالە بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسىنى مەمۇرىي ۋە قانۇنىي ۋاستىلەر بىلەن يولغا قويدى، كۆپلەپ مەسچىت، مەدرىسلەرنى سېلىپ، شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي ئىلمىي تەتقىقاتىغا ئىلھام بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەزھەپ ئىراندا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، شىئە مەزھىپىدىكى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالدى.
شىئە مەزھىپى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ بۇرۇنقى سىياسىي گۇرۇھتىن دىنىي مەزھەپكە تەرەققىي قىلدى. سۈننىي مەزھىپى بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك دىنىي مۇنازىرىلەردە ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسى بىلەن باشقا دىنىي، سىياسىي تەشەببۇسلارنى بىرلەشتۈرۈپ، تەسەۋۋۇپچىلار، مۇئتەزىلىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلىماتلىرىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە يېڭى ئەپلاتونىزم قاتارلىق چەتتىن كىرگەن دىنىي پەلسەپە ئىدىيلىىرنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق Ⅹ ئەسىردە ئۆزىنىڭ سىستېمىلىق دىنىي ئەقىدىسىنى، فىقھە تەلىماتىنى ۋە قائىدە - تۈزۈملىرىنى بەرپا قىلدى. شىئە مەزھىپىنىڭ قارشىچە، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسى بىردىنبىر ئاللاغا ئىمان ئېيتىش، پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىش، ئىمامغا ئىمان ئېيتىشتىن ئىبارەت. ئىسلام دىنى يەتتە تۈۋرۈك، يەنى ساداقەتلىك، پاكىزلىق، ئىبادەت، سەدىقە بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش جىھاد قىلىش ئاساسىغا بەرپا قىلىنغان. شىئە مەزھىپىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسى ۋە ئىلمىي فىقھەسى تۆۋەندىكىچە:
(1) ئىمام تەلىماتى. <ئىمام> دېگەندە، مۇسۇلمانلارغا ئىماملىق قىلىدىغان ئادەم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سۈننىي مەزھىپىنىڭ خەلىپە تۈزۈمىگە قارشى تۇتۇش ئۈچۈن، شىئە مەزھىپى <ئىمام> غا مۇقەددەس تەبىر بېرىپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئىمام تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ئۆز مەزھىپىنىڭ دىنىي ئەقىدە ۋە سىياسىي تەلىماتىنىڭ يادروسى قىلدى. ئىمام تەلىماتىغا Ⅷ ئەسىردىكى ئالتىنچى ئىمام جەئفەر سادىق ئاساس سالدى. Ⅹ ئەسىردە شىئە مەزھىپىدىكى ئۆلىما ئىبنى موسا نوبخت <شىئەدىكى مەزھەپلەر كىتابى> ۋە ئىسمائىلىيەگە مەنسۇپ تەبلىغاتچى ئىبنى يەئقۇپ <ئىمام تۈزۈمى> ناملىق كىتابىدا ئىمام ئەقىدىسى توغرىسىدا پروگرامما خاراكتېرلىك پىكر بايان قىلدى. 17 - ئەسىردە ئىراندىكى شىئە مەزھىپىنىڭ ئىمامى مەجالىس (؟ - 1699) <قەلىب تۇرمۇشى> ناملىق كىتابىدا ئىمام تەلىماتىنىڭ مۇكەممەل نەزەرىيىۋى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. شىئە مەزھىپىنىڭ قارىشىچە، ئىمام بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىي داھىيىسى ۋە قوماندانى، ئاللانىڭ كىشىلەرگە ئەۋەتكەن ئۇلۇغ ئۇستازى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقىنى كىشىلەر تاللىمايدۇ. بەلكى ئاللا پېشانىسىگە پۈتۈۋەتكەن، ئىمامنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس قېلىشىنىمۇ ئاللا پېشانىگە پۈتۈۋەتكەن بولىدۇ. ئالدىنقى ئىمام ئۆزىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىنى تەيىنلەش ھوقۇقىغا ئىگە. ئىمامنىڭ ۋەزىپىسى شۇكى: ئاللانىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئىمانغا ئەمەل قىلىشقا يېتەكلەيدۇ، شەرىئەتكە ۋە قائىدە - يوسۇنلارغا بويسۇنىدۇ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئەمەلدە كۆرسىتىدۇ؛ <قۇرئان كەرىم> نى، دىنىي ئەقىدىنى ۋە شەرىئەتنى شەرھلەپ، كىشىلەرنىڭ <قۇرئان كەرىم>، ئەقىدە ۋە شەرىئەتنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ ئاجىزلارغا، يوقسۇللارغا ۋە يېتىم - يېسىرلارغا مېھرىبانلىق، ئادىللىق ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، قۇللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ؛ ئاللانىڭ مىزانىنى قوغداپ، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كىشىلەرنى زوراۋانلىق قىلىشتىن، ئېزىشتىن، قارشى چىقىشتىن، چۈشكۈنلۈكتىن، يامانلىقتىن توسۇيدۇ. <مۇرتەدلەر>، <ھوقۇقنى تارتىۋالغۇچىلار> ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن كۈرۈش قىلىدۇ. بۇلاڭ - تالاڭ قىلغۇچىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، مۇقەددەس دىنىي ئىشلارنى قوغدايدۇ. ئىمام ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس، بەلكى ئەۋلىيالىق ماقامىغا يەتكەن ئادەمدۇر. ئۇلارغا ئاللا ئاتا قىلغان پسخوگنوستىك ۋە دانىشمەنلىك بولۇپ، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە ئېسىل پەزىلەتلىرىگە ۋە بىلىملىرىگە ۋارىسلىق قىلغان بولىدۇ. مەڭگۈ خاتالاشمايدۇ. ئىمام مۇسۇلمانلارنى ئاللانىڭ قېشىغا بارىدىغان يولنىڭ بابى (ئىشكى) گە باشلايدۇ. ئۇلار ئاللانىڭ دەلىلى، ئاللانىڭ ياراتقىنى بولۇپ، ئاللا بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى <ۋاستىچى ۋە كېپىل> ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر شۇلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ۋە ئىلتىجا قىلىشى بىلەن ئاللانىڭ مەنپەئەت قىلىشىغا ئىگە بولۇپ، جەننەتكە كىرەلەيدۇ. ئىمام - ئاللا ۋەھىي قىلغان باتىن (يوشۇرۇن) مەنىلىك ئايەتلەرنىڭ سىرىنى بىلدۈرگۈچى ۋە ئاللانىڭ ئارزۇسىنى يەتكۈزگۈچىدۇر. شۇنداقلا مانا مۇشۇلار <قۇرئان كەرىم> دىكى باتىن مەنىلەرنى بىلەلەيدۇ. شەرىئەت ئىجتىھادىغا ھوقۇقلۇق بولىدۇ. ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى، ئۇنىڭ بىلىمى، پەزىلىتى، تۆھپىسى، قابىليىتى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇكەممەل داھىيىسى بولۇشقا مۇناسىپ كېلىدۇ. ئۇ تۇنجى ئىمام بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى ئەلى بىلەن فاتىمە ئەۋلادلىرى ئىمام بولۇش لاياقىتىگە ئىگە بولالايدۇ. ئۆتكەنكى خەلىپىلەر ھوقۇقنى تارتىۋالغۇچىلاردۇر. شىئە مەزھىپىنىڭ قارىشىچە، ئىمامغا سادىق بولۇش ۋە بويسۇنۇش ئاللانىڭ مەقسىتىگە بويسۇنغانلىق بولىدۇ.
(2) غايىپ بولغان ئىمام ۋە مەھدى ئىدىيىسى. <مەھدى> دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <يېتەكچىگە ئىگە بولغۇچى>، <توغرا يولغا باشلىغۇچى> دېگەنلىك بولىدۇ. كېيىن ئاللانىڭ يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولغان ھەم دۇنيادىكى كىشىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان داھىي دېگەن مەنىگە ئۆزگىرىپ، <قۇتقۇزغۇچى> دېگەن مەنىگىمۇ ئىگە بولغان. ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىلا مەھدىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى ئىدىيە تارقالغان. شىئە مەزھىپى سۇلالىنىڭ خەلىپە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشتە زىيانكەشلىككە ۋە قانلىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغان. ئۇلار ئىخلاس قىلغان ئىماملارنىڭ بەزىلىرى شېھىت بولغان، بەزىلىرى ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇلار بۇ دۇنيادىكى ئازاپ - ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، قۇتقۇزغۇچىنىڭ كېلىشىنى كۈتكەن. بۇ مەزھەپنىڭ ئۆلىمالىرى غايىپ بولغان ئىمام تەلىماتى بىلەن مەھدى ئىدىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىمام مەھدى قايتا كېلىدۇ تەلىماتىنى ياراتقان. 680 - يىلى ھۈسەيىن كەربالادا قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن، كۇفەنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى پۇشايمان يېگۈچىلەر دۇئا - تىلاۋەت قىلغاندا ھۈسەيىننى <شېھىت>، <ئىمام مەھدى> دەپ ئاتىغان. 685 - يىلىدىن 687 - يىلىغىچە كۇفەدىكى مۇختار قوزغىلىڭى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، شەكىللەنگەن كەيسانىيە ئېقىمى ئۆزلىرى ئىخلاس قىلغان ئىمام ئىبنى ھەنەفىيە (؟ - 700) ئۆلمىدى. بەزى <غايىب بولغانلار> بىلەن رابىتەگە كىرىپ كەتتى. دۇنيا زوراۋانلىق ۋە زورلۇق بىلەن تولغاندا ئىمام مەھدى دۇنياغا ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىغان. كېيىن بۇنداق ئىدىيە ئومۇميۈزلۈك تارقالغان ۋە تەرەققىي قىلغان. لېكىن، غايىب بولغان ئىمام كىم، مەھدى قاچان پەيدا بولىدۇ، دېگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا شىئە مەزھىپىدىكى تارماق مەزھەپلەرنىڭ قارىشى ئوخشىمايدۇ. ئىسمائىلىيەلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇلار ئىخلاس قىلغان يەتتىنچى ئىمام ئىسمائىل ئاللا ساقلىغان غايىب ئىمام بولۇپ، ئىمام مەھدى سۈپىتى بىلەن دۇنيادا پەيدا بولىدۇ. ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ قارىشىچە، ئون ئىككىنچى ئىمام مۇھەممەد مۇنتەزەر ئۆلمىدى، ئاللا ئۇنى يوشۇرۇپ قويدى. كىشىلەر ئۇنى كۆرۈلمەيدۇ. ئاللا ئۇنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىغا رۇخسەت قىلغىچە ئۇ مۆجىزىدەك ياشاپ تۇرىدۇ. ئىمام غايىب بولغان مەزگىلدە <دەۋر ئىگىسى> نەجىب ئارقىلىق مۇسۇلمانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ. ئىمامنىڭ بىر قىسىم ھوقۇقىنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ. ئۇ شەرىئەتنى شەرھلەيدۇ، ئەھكاملارنى ئىجتىھاد قىلىدۇ. غايىب بولغان ئىمام ئۇنىڭ دۇنياغا پەيدا بولۇشى توغرىسىدا ئاللانىڭ ئەمرىنى كۈتىدۇ. قىيامەت قايىم بولۇشتىن ئىلگىرى ئىمام مەھدى ۋە ئۇ تاللىغان كىشىلەر دۇنياغا پەيدا بولۇپ، زوراۋانلىق ۋە يامانللىقنى جازالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ھەقىقەت، ئادىللىق ۋە باراۋەرلىك بىلەن تولىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكى ئۆلىمالار غايىب ئىمامنى <ساھىب زامان> (زاماننىڭ ئىگىسى)، <قايىم> (كۆتۈرۈلگۈچى)، <ئىمام مۇنتەزەر> (ئۇمىد قىلىۋاتقان ئىمام)، <باقىيات ئاللا> (ئاللانىڭ مۆجىزىسى) دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتايدۇ. زەيدىيەلەر ئىمام مەھدىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئىمام غايىب تەلىماتىنى ئىنكار قىلىدۇ.
(3) <قۇرئان كەرىم> نىڭ باتىن مەنىسى توغرىسىدىكى تەلىمات. <باتىن> دېگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <يوشۇرۇن مەنە> دېگەنلىك بولۇپ، ئىچكى ئىلىم، سىرلىق ئىلىممۇ دېيىلىدۇ. شىئە مەزھىپى دىنىي ئەقىدىسىنىڭ ئاللانىڭ مۇقەددەس كىتابىدىن كەلگەنلىكىنى دەلىللەش مەقسىتىدە، ئىمامنىڭ ئاللا ئاتا قىلغان سىرلىق بىلىمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۆز مەزھىپىنىڭ دىنىي نوپۇزىنى تىكلەش ئۈچۈن، <قۇرئان كەرىم> نىڭ باتىن مەنىسى دېگەن تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەمدان قەرمەت باتىنىيە ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن. شىئە مەزھىپىدىكى باتىنىيەلەرنىڭ قارىشىچە، ئاللانىڭ ۋەھىيىسى بولغان <قۇرئان كەرىم> نىڭ زاھىر (ئاشكارا) مەنىسى ۋە باتىن (يوشۇرۇن) مەنىسى بولۇپ، ئىچكى ۋە تاشقى قىسىملارغا ئايرىلىدۇ. زاھىر مەنىسى دېگەندە، ئايەتلەرنىڭ ئېنىق مەنىسى توغرىسىدىكى جامائەت ئېتىراپ قىلغان چۈشەندۈرۈشلەر ۋ ئايەتلەرگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن شەرىئەت ۋە ئەھكاملار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايەتلىرىنى چۈشەندۈرگەن ھەدىسلەرنى چۈشىنىشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل ئايەتلەرنىڭ زاھىر مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشتە مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. باتىن مەنە بولسا ئايەت ۋە شەرىئەتتىكى يوشۇرۇن سىر بولۇپ، ئايەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئىچكى مەنىسى ھېسابلىنىدۇ. باتىن مەنە ھەر قانداق دەۋردە ئۆزگەرمەيدۇ. <قۇرئان كەرىم> نىڭ باتىن مەنىلىرىنى ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەلمەيدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن سىرىنى ئىمام بىلەلەيدۇ ۋە چۈشىنەلەيدۇ. ھەر بىر ئىمام ئۇنىڭ باتىن مەنىلىرىنى ئىزباسارىغا ئېيتىپ بېرىدۇ. ھەر بىر ئەۋلاد ئىمام سىرلىق يەتكۈزگۈچى (ئىز باسار سىر بىلگۈچى) ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىدۇ ياكى تەمسىل قىلىش، بېشارەت بېرىش، ئوخشىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سىرىنى ئېچىپ، ئىچكى ھەقىقەتنى چۈشىنىش ماقامىغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ باتىن مەنىسىنى زاھىر مەنە پەردىسى يېپىۋالىدۇ. مەخپىي يەتكۈزۈشكە نائىل بولمىغانلار ۋە ئىچكى ئىلىم بىلىمىنى ھەم سىرنى يېشىش ئۇسۇلىنى ھازىرلىمىغانلار دىننىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنەلمەيدۇ. شىئە مەزھىپىدىكى مۇفەسسىرلەر مۇنداق دەپ قارايدۇ: <قۇرئان كەرىم> نىڭ باتىن مەنىسى سۈرە بېشىدىكى ھەرپلەر ۋە بېشارەتلەر، تەمسىللەر، ئىما قىلىنغان ئايەتلەر، چۈشەنگىلى بولمايدىغان سۆزلەر، باتىن ئايەت دەپ ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن باشقا، ئاللانىڭ جىمى ئايەتلىرىنى ۋەھىي قىلىشتىكى ھېكمەتلىرى، ئاللانىڭ دۇنيانى يارىتىشى، ئالەمنىڭ مەنبەسى، ياراتقۇچى بىلەن يارىتىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى، ئاللانىڭ ئەمەل زاتى، ئاللانىڭ پېشانىگە پۈتكىنى ۋە ئادەمنىڭ ھەرىكىتى، پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى، ئىمامنىڭ ئىلاھىي خىسلىتى، ئىمام مەھىدىنىڭ پەيدا بولۇشى قاتارلىق ئېتقاد توغرىسىدىكى باتن مەنىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەرمەتىيلەر ۋە ئىسمائىلىيەلەرنىڭ تەبلىغاتچىلىرى ۋە مۇفەسسىرلىرى ئۆز مەزھىپىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، <قۇرئان كەرىم> نىڭ رەتلىنىشى، سۈرە بېشىدىكى ھەرپلەر، سۈرە - ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى، سۈرىلەر ئىچىدىكى سان - سېپىرلار توغرىسىدا ئەقىدە تەشەببۇسىغا ماس كېلىدىغان چۈشەنچىلەرنى بەردى. شۇڭا تارىخشۇناسلار شىئە مەزھىپىنى باتنىيە ئېقىمى دەپ ئاتىدى.
(4) تەقىيە پرىنسىپى. ئەرەبچە <تەقىيە> دېگەن سۆزنىڭ <ئېھتىيات قىلىش>، <يېپىش>، <يوشۇرۇش> دېگەندەك مەنىلىرى بولۇپ، مۇسۇلمانلار خەتەرگە يولۇققاندا ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوشۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ۋە بۇنداق قىلىشقا ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئومۇميۈزلۈك يول قويۇلغان. <قۇرئان كەرىم> دە مۇندان دېيىلگەن: <مۆمىنلەر مۆمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى دوست تۇتمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ ئاللانىڭ دوستلۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇلاردىن قورقۇپ، دوستلۇق ئىزھار قىلىشىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللا سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقىتىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللانىڭ دەرگاھىدۇر.> (3 - سۈرىنىڭ 28 - ئايىتى). شىئە مەزھىپى ئۇزۇن مۇددەت زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئورنىدا قالغانلىقتىن، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆزىنى يوشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان. مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتۇلۇش قىيىن بولغان تەس ھالغا ئۇچرىغاندا ياكى خەتەرگە يولۇقىدىغان چاغدا ئېتىقادىنى، ئالاھىدە دىنىي مۇراسىم ۋە ئادەتلىرىنى يوشۇرۇشقا، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئورۇنسىز قۇربان بېرىشتىن خالىي بولۇش ئۈچۈن، كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان دىن ۋە مۇراسىملارنى ئاغزىدا ئېتىراپ قىلسا بولىدىغانلىقىغا يول قويۇلغان. Ⅷ ئەسىردە تەقىيە شىئە مەزھىپى ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلغان پرىنسىپ سۈپىتىدە شەكىللەنگەن. بۇ مەزھەپنىڭ مۇفەسسىرلىرى تەقىيەنى يولغا قويۇشقا رۇخسەت قىلىشنىڭ شەرتلىرىنى بەلگىلىگەن. مۇھىتنىڭ قىستىشى بىلەن ئىلاجىسىز قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنىڭ، ھەمراھلىرىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇپ قېلىشى ئۈچۈن ياكى دۈشمەن بىلەن بولغان كۈرەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈمىدى بولمىغاندا، شۇنداق قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە ئاغزىدا ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ئېتىراپ قىلمىغاندا، دىلىدا ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
(5) ئىلمىي فىقھە تەلىماتى. فىقھە پرىنسىپلىرى جەھەتتە شىئە مەزھىپىدىكى شۆبە مەزھەپلەر <قۇرئان كەرىم> نى ۋە ئۆز مەزھىپىنىڭ ھەدىسلىرىنى فىقھە ئاساسى قىلىشنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە شۇنداق نوپۇزلۇق بولىدۇ، ئاللا تاپشۇرغان قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىمام فىقھەنى بايان قىلىشقا، تەپسىر قىلىشقا، فىقھە مەسىلىسى توغرىسىدا ھەر خىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، يېڭى فىقھە تۈزۈسە، كونا فىقھەنى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ. ئىمام غايىب بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نەقىبەسى بولغان مۇجتەھىد (شەرىئەت ئەھكامنى تۈزگۈچى ئالىم) <قۇرئان كەرىم> نى تەپسىز قىلىشقا، فىقھەنى چۈشەندۈرۈشكە، ئەقلىي خۇلاسە ياكى ھۆكۈم چىقىرىشنى تەتبىقلاپ، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، قانۇن ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بۇ مەزھەپ فىقھە نوپۇزلۇقلىرىنىڭ شەخسىي پىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ <ئىجمائ> پرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. سۇبستانتىۋ قانۇن ساھەسىدە نىكاھى مۇتئە (مۆھلەتلىك نىكاھ) تۈزۈمىگە يول قويىدۇ. يەنى ئەر - ئايال ئىككى تەرەپ كېلىشكەن توختام بويىچە تويلۇقنى، نىكاھ مۇددىتى بېكىتسە بولىدۇ. مۇددەت توشقاندا نىكاھ ئۆزلۈكىدىن بىكار بولىدۇ. نىكاھىدىن ئاجرىشىش داۋامىدا ئەر تەرەپنىڭ خوتۇنىنى ئۆز ئالدىغا قويۇپ بېرىشى توغرىسىدىكى شەرتلەرنى قاتتىق بەلگىلىگەن. مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدا جەمەت ئىچىدىكى قانداش تۇغقانلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى تەكىتلەنگەن. جەمەت ئەزالىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى ئىنكار قىلىغان. ئەل ئەخبارىيە ۋە ئەل ئۇسۇلىيىدىن ئىبارەت ئەھلى فىقھەلەر بار. ئەل ئەخبارىيە <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىس قانۇن چىقىرىشنىڭ بىردىنبىر ئاساسى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىجمائ، شەخس پىكىر ۋە ئەقلىي خۇلاسە قاتارلىق پرىنسىپلارنى تەتبىق قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. ئەل ئۇسۇلىيە <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنى قانۇن چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلغاندىن باشقا، ئىجتىھاد پرىنسىپىنى تەتبىق قىلىپ، فىقھە ئىجتىھادىنىڭ دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىۋېتىشنى، يېڭى پەيدا بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا نوپۇزلۇق فەقىھلەر ئىجمائ، قىياس، ئەقلىي يەكۈن چىقىرىشنىڭ قوشۇمچە پرىنسىپلىرىنى تەتبىق قىلىپ، يېڭى پەتىۋا چىقارسا بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. <ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى>، <ئىسلام شەرىئىتى>، <مەفاتىھ>، <جامىئۇل شاھادەت> قاتارلىقلار شىئە مەزھىپىنىڭ مەشھۇر كلاسسىك فىقھە ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شىئە مەزھىپى Ⅹ ئەسىردە ئۆز مەزھىپىنىڭ ھەدىسلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. ئۇنىڭ سۈننىي مەزھىپى تۈزگەن ئالتە ھەدىسلەر توپلىمى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ ھەدىسلەر شىئە مەزھىپىدىكى ئىمامنىڭ رىۋيەت قىلىپ بېرىشىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭغا ھەم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى، ھەم ھەزرىتى ئەلى قاتارلىق ئىماملارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى كىرگۈزۈلگەن. <تۆت ھەدىس شېرىپ>، <ئەل كافى فى ئىلمىد دىن>، <فەقىھلەر پەرۋا قىلمايدىغان ئادەم>، <ئەل ئىستىبسار> (<ئەل ئىستىبسارفىيما ئۇختۇلىفە فىھى مىنەل ئەخبار> مۇ دېيىلىدۇ)، <ئەھزىبۇل ئەھكام> شىئە مەزھىپىنىڭ نوپۇزلۇق كىتابلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسىي مۇراسىملىرى مازارلارغا، ئەۋلىيالارغا چوقۇنىدۇ. زىكر سالىدۇ، نەجەف، كەربالا، مەشھەد، قۇم، فازمىيە، سامەرا قاتارلىق جايلار مۇقەددەس جاي ھېسابلىنىدۇ. قۇربان ھېيىت، روزى ھېيىت ۋە مەۋلۇد نەبىيدىن باشقا، ئۆز مەزھىپىنىڭ ئاشۇرا بايرىمى (ھىجرىيە 1 - ئاينىڭ 01 - كۈنى)، قەدىرھۇم بايرىمى (ھىجرىيە 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) ۋە بۈۋى فاتىمە خاتىرىسى (ھىجرىيە 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى) گە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.