Uyghur主要词典
شىئە مەزھىپىنىڭ ئەسىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلامىيەت تارىخىدا شىئە مەزھىپىنىڭ تولۇق گۈللەنگەن دەۋرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ دەۋر Ⅹ ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ (بەزىلەر Ⅺ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە داۋاملاشتى دەيدۇ). بۇ دەۋردە باغداتنى كونترول قىلغان بۇۋەيھىيە سۇلالىسى، بەھرەيىندىكى قەرمەتىيلەر سۇلالىسى، كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى ۋە يەمەندىكى زەيدىيلەر سۇلالىسى، مسۇپوتامىيە ۋە سۈرىيىدىكى كىچىك سۇلالىلەر قاتارلىق مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەر قۇرۇلدى؛ شىئە مەزھىپىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ئون ئىككى ئىمامچىلار ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلاشتى، ئەقىدە جەھەتتە ئەسەبىيلىك ھېسابلانغان ھەر خىل تەشەببۇسلاردىن ۋاز كېچىپ، مۇئتەزىلىيەلەر باشلاپ بەرگەن ئىدراكچىلىقنى ئاساس قىلدى؛ ئىماملار رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر توپلىمى - <كۇتۇبى ئەربەنە> (تۆت ھەدس شېرىپ ياكى بەش ھەدس شېرىپ) نى توپلاپ، فىقھە ئاساسلىرىدىن بىرى قىلدى. بىر تۈركۈم مەشھۇر فەقىھلەر، مۇتەكەللىمۇنلار، مۇھەددىسلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆلىمالار تەبىقىسى شەكىللىنىشكە باشلىدى؛ ئىلمىي جەھەتتىمۇ مۇناسىپ تەرەققىياتلارغا ئىگە بولدى. ئىخۋانى ئەل سافا ۋەفۇللان ئەل ۋەفا (ۋاپادار قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى) دەك زىيالىيلار تەبىقىسى باغدات، بەسرە قاتارلىق جايلاردا جانلىنىپ، سۈننىي مەزھىپىدىن پەرقلىنىدىغان تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ۋە سىياسىي ئېڭىنى شەكىللەندۈردى.