Uyghur主要词典
شىنچۇدىكى خۇەيدەن مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىلى مەسچىت بولۇپ، ئورنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنچۇ ناھىيىسىدىكى خۇەيدەن بازىرىنىڭ شەرقىي مەھەللىسىدە. « شېنچۇ ناھىيە تەزكىرىسى » گە قارىغاندا، بۇ مەسچىتنى پارسلاردىن ئەلى 1273 - يىلى سالدۇرغان. مەسچىت 1524 - يىلى رېمونت قىلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 9 مىڭ 72 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. مەسچىتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېشىغا ئوخشاش قىلىپ 63 ئېغىز ئۆي سېلىنغان. بۇ مەسچىت جۇڭگونىڭ ئوردا شەكىلىدىكى قۇرۇلۇش بولۇپ، گۈل - گىياھ نەقىشلىرى بىلەن بېزەلگەن. يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى ۋە مىنگو دەۋرىدىكى 13 ئابىدە بولغان. ھازىر بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.