Uyghur主要词典
شىنىڭدىكى دۇڭگۇەن مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرىدىكى دۇڭگۇەن كوچىسىدا. بۇ مەسچىت 1368 _ يىلىدىن 1398 _ يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەجبۇرىي بۇزدۇرۇۋېتىلگەن. 1913 _ يىلى قايتا سېلىندى. 1916 _، 1946 _ يىللىرى كېڭەيتىپ سېلىندى. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 13 مىڭ 602 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. مەسچىتنىڭ ئىمارەتلىرىدە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن. 1979 _ يىلى پۈتۈنلەي رېمونت قىلىندى. بۇ مەسچىتتە چىڭخەي ئۆلكىلىك مەردىسە تەسىس قىلىنغان.