Uyghur主要词典
شىنچيۇ يىلىدىكى دىن ۋەقەسى
领域: دۇنيا تارىخى1810 - يىلى (شىنچيۇ - توخۇ يىلى) چاۋشيەندىكى كاتولىك دىنىنى چەكلەش ۋەقەسى. لى سۇەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (1776 - 1800)، كاتولىك دىنىنىڭ چاۋشيەنگە تارقىلىشىنى چەكلىگەن. 1795 - يىلى جۇڭگولۇق پاستېر جۈۋىنمۇ چاۋشيەنگە كېلىپ دىن تارقاتقان، مۇخلىسلىرى تېز كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ئەدىب - ئالىملار ھەتتا خان جەمەتى ئاقسۆڭەكلىرى بولغان. لى گۇڭ (ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى چۈنزۇ، 1801 - 1804 - يىللىرى تەختتە تۇرغان) تەختكە چىققاندىن كېيىن، قاتتىق پەرمان چۈشۈرۈپ ئۇنى تېخىمۇ چەكلىگەن. جۈۋىنمۇ ۋە <ئىنجىل>نى چاۋشيەن تىلىغا تەرجىمە قىلغان ۋە كۈچەپ دىن تارقاتقان لى چىڭشۇن، لى جياخۇەن، دىڭ روجۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرگەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 50 - 60 كىشىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى سۈرگۈن قىلىنغان. بىراق شۇنىڭدىن كېيىن يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە دېگۈدەك تارقالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。