Uyghur主要词典
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
شىنجاڭدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار
بۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى - ئەدەبىياتچىلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەشكىللىنىپ قۇرغان ئاممىۋى تەشكىلات. ئۇنىڭ تولۇق ئاتىلىشى شىنقاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى؛ ئىلگىرى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى دەپ ئاتالغان، دەسلەپتە يەنە يازغۇچىلار سايوزى دەپمۇ ئاتالغان. بۇ جەمئىيەت 1957 ـ يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. بۇ جەمئىيەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت يازغۇچلىرى - ئەدەبىياتچىلىرىنى تەشكىللەپ ـ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەقىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىلىدۇ. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى قارمىقىدا ئەدەبىي تەھرىرلەر خىزمىتى كومىتېتى، ياشلار ئەدەبىي ئىجادىيەت خىزمىتى كومىتېتى، ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى كومىتېتى، بالىلار ئەدەبىياتى خىزمىتى كومىتېتى، يازغۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى كومىتېتى، ئەدەبىي ئوبزور خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق ئالتە خىزمەت كومىتېتى تەسىس قىلىنغان. بۇ جەمئىيەتنىڭ قەييۇم تۇردى، زوردۇن سابىر، ئەخەت تۇردى، توختى ئايۇپ، مۇھەممەت باغراش، ئابدۇراخمان قاھار قاتارلىق ئون نەچچە كەسپىي يازغۇچىسى بار.