Uyghur主要词典
شىنجاڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتى
شىنجاڭدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار
بۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىلمىي جەمئىيەت بولۇپ، 1992 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. بۇ جەمئىيەت پارتىيە رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆز ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش، باھالاش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە مەقسىتى قىلىدۇ.