Uyghur主要词典
شىنا قاناتلىقلار باش ئەترىتى
بىئولوگىيە
قۇشلار سىنىپىنىڭ پىنگۋىنلار ئەترىتىنىلا (Sphenisciformes) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇچۇش ئىقتىدارى يوق. سۇ ئۈزۈش ۋە سۇغا چۆكۈشكە ماھىر بىر خىل دېڭىز قۇشلىرى. تېنى ئۆرە ھالەتتە، ئالدى پۇتى پالاقسىمان، پۈتۈن بەدىنى قاسىراقسىمان قىسقا پەيلەر بىلەن تەكشى قاپلانغان. پۇتى بەدىنىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قىسمىغا جايلاشقان. پۇت ئالىقىنى قىسقا ھەم كەڭ؛ پۇتى تۆت بارماقلىق بولۇپ، ئۈچ بارمىقى ئالدىغا قارىغان ھەمدە پەردىلەر ئارقىلىق بىر - بىرىگە تۇتاشقان، بىر بارمىقى كىچىك ھەم كەينىگە قاراپ پەردىسىز ئۆسكەن بولۇپ، قۇيرۇق پەيلىرى ناھايىتى قىسقا، تېرە ئاستىدىكى مايلىرى ناھايىتى قېلىن بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى قوغداش رولىغا ئىگە. سۆڭەكلىرىدە ھاۋا يوق، ماي تەركىبى كۆپ بولغان يىلىك بولىدۇ. تەرەققىي قىلغان تاج ئۆسۈكچىسى بار سىرتقى بۇرۇن تۆشۈكى ئېتىلەلەيدۇ. بېلىقلار، مولليۇسكلار ياكى قاسىراقلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ماڭغان ۋاقتىدا ئۆرە تۇرۇپ ئىككى تەرەپكە ئىغاڭلاپ دەلدەڭشىپ ماڭىدۇ. كۆپىيىش مەزگىلىدە خادا تاشلار ياكى دېڭىز قىرغاقلىرىغا توپلىشىدۇ. ھەر ئۇۋىغا 1 - 2 تۇخۇم سالىدۇ، تۇخۇمى ئاق ياكى سەل زەيتۇن رەڭ ئارىلاش بولۇپ، چىشى، ئەركەكلىرى نۆۋەتلىشىپ تۇخۇم باسىدۇ. بالىسى ئاستا يېتىلىدۇ. تېز ئۇزىدۇ. پەقەت جەنۇبىي يېرىم شارغىلا تارقالغان بولۇپ، زور كۆپچىلىكى ئانتاركتىكىنىڭ قىرغاقلىرىغا مەركەزلەشكەن. كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرى پادىشاھ پىنگۋىن، قېلىن تۇمشۇقلۇق پىنگۋىن ۋە كىچىك پىنگۋىنلاردىن ئىبارەت.