Uyghur主要词典
شىنجاڭ ئالىي مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى
领域: شىنجاڭ مائارىپىمائارىپ ئاپپاراتلىرى
ئاممىۋى ئىلمىي تەشكىلات. 1993 - يىلى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى قۇرۇلغان. ۋەزىپىسى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋە خەلقئارا ئالىي مائارىپ ئىلمىي ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئالىي مائارىپ نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. قارمىقىدا تۆت تارماق جەمئىيەت تەسىس قىلىنغان. يەنى ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەر چەت ئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيىتى، كومپيۇتېر ئاساسىي مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى، ئالىي مەكتەپلەر تەجرىبىخانا نەزەرىيىسى تەتقىقات جەمئىيىتى، ئالىي مەكتەپلەر ئامانلىقنى ساقلاش ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىقلار. بۇ ئورۇن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىچىدە تەسىس قىلىنغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。