Uyghur主要词典
شىنجاڭ ئالىي مەدرىس نىزامنامىسى
领域: شىنجاڭ مائارىپىمائارىپ سىياسىتى ۋە قانۇن - نىزاملىرى
1905 - يىلى ئېلان قىلىنغان. نىزامنامىدە، مەكتەپكە باش خادىم ئىككى نەپەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پۈتكۈل مەكتەپنىڭ بارلىق ئىشىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ، خادىم بىر نەپەر، تەشكىلات قوماندانى بىر نەپەر، ياردەمچى قوماندان بىر نەپەر بولۇپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. ئەدەپ - ئەخلاق ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، تۆت كىتاب، جوزى ئەركان ۋە ئەھكاملارنى ئۆگىتىدۇ. دەستۇر ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، بەش دەستۇرنى ئۆگىتىدۇ. جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، ئاممىباب قەدىمكى ئەدەبىياتنى ئۆگىتىدۇ. تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، جۇڭگو - چەت ئەل تارىخىنى ئۆگىتىدۇ. جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، جۇڭگو چەت ئەل جۇغراپىيسىنى ئۆگىتىدۇ. ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، گراماتىكا، تەرجىمە بىلىملىرىنى ئۆگىتىدۇ.
گىمناستىكا ئوقۇتقۇچىسى بىر نەپەر بولۇپ، تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ. دەرسلىكلەردىن : ئەدەپ - ئەخلاق دەستۇرى، جۇڭگو ئەدەبىياتى، ماتېماتىكىلىق ئۆلچەش سىزىش، جۇڭگو - چەت ئەل تارىخى، ھەربىي ئىلىم، ئىنگىلىز تىلى، روس ئەدەبىياتى، گىمناستىكا، ئىنگىلىز ئەدەبىياتى، روس تىلى بار بولۇپ، خالىغان پەننى تاللىسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。