Uyghur主要词典
شېللېر
دۇنيا تارىخى
(1792 - 1822) ئەنگىليىلىك رومانتىك شائىر. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن چىققان. رۇسسو ۋە گودۋىن قاتارلىقلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. 1811- يىلى <ئاتىئېزمنىڭ مۇقەررەرلىكى> دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغانلىقتىن ئوكىسفورد داشۆسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. كېيىن بېرلىنغا كۆچۈپ بېرىپ، ئېرلاندىيە مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتگە ئاتلانغان، 1818 - يىلى ئىنقىلابىي خاراكتىرلىك ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغانلىقى ھەم تەن سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەنگىلىيدىن كېتىشكە مەجبور بولۇپ، ئىتالىيىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا بايرون بىلەن ياخشى دوست بولغان. 1822 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى دېڭىز ساياھىتى قىلىۋاتقاندا كېمە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلگەن. ئۇ <ئايال پادىشاھ مەب>، <ئىسلام قوزغىلىڭى>، <ئازاد بولغان پرومىتې> قاتارلىق داستانلىرى ۋە شېئىرىي تىياتىرلىرىدا، جەمئىيەتتىكى كەمبەغەللىك - بايلىق تەكشىسىزلىكىنى پاش قىلغان، فېئوداللىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا زەربە بەرگەن. <پېترو پاجىئەسى>دىن كېيىن،<ئەنگلىيە خەلقىغە>، <1819 - يىلدىكى ئەنگلىيە>، <مۇستەبىت ئالۋاستى شاھنىڭ نىقابلانغان نامايىشى> دېگەنگە ئوخشاش شېئىرلارنى يېزىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن، خەلقنى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلغان.