Uyghur主要词典
شېكېسپېر
يۈز مەشھۇر شەخىس
1564 - 1616
ئەنگىلىيىلىك شائىر، دراماتورگ شېكېسپېر 1564 - يىلى ئەنگىلىيىنىڭ ستراتفورد شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى. بىراق ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغانىدى. 18 يېشىدا 26 ياشلىق بىر قىز توي قىلىپ، 21 ياشقا توشماي تۇرۇپلا ئۈچ پەرزەنت كۆرىدۇ.
ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇ لوندۇنغا بېرىپ، ئارتىس، دراماتورگ بولىدۇ. 30 يېشىدا نام چىقىرىشقا باشلايدۇ؛ 34 يېشىدا ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولغانلىقتىن، سەنئەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، يېڭى كۆتۈرۈلگەن دراماتورگ دەپ ئېتراپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە، شېكېسپېر نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر درامىلارنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، <جۇلىئۇس قەيسەر>، <گاملېت>، <ئوتېللو>، <ماكبېت>، <پادىشاھ لېئار> قاتارلىقلار بار.
شېكېسپېر لوندۇندا يالغۇز 20 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلدە، ئۇنىڭ ئايالى ستراتفوردتا تۇراتتى. 40 ياشقا كىرەي دېگەندە، شېكېسپېر ستراتفوردقا قايتىپ كېلىدۇ. 1616 - يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇ توپتۇغرا 52 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ.
شېكېسپېر تەخمىنەن 38 پارچە دراما يازغان، بۇنىڭ ئىچىدە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان كىچىك درامىلارمۇ بار. ئۇ يەنە 154 پارچە 14 مىسرالىق شېئىر، ئۈچ تۆت پارچە داستان يازغان. شېكېسپېرنىڭ زىيادە تالانتى، كارامەت تۆھپىسى، ئالەمشۇمۇل شۆھرىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، مېنىڭچە، بىزنىڭ بۇ 100 مەشھۇر شەخس قاتارىغا ئۇنىڭ نامىنى كىرگۈزمەسلىككە ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. ئۇندىن باشقا، ئۇنى بۇ ئورۇنغا قويۇشىمىزمۇ، ھەرگىز ئۇنىڭ نەتىجىسىگە تۆۋەن باھا بەرگەنلىكىمىزدىن بولغان ئەمەس، بەلكى ئەدەبىيات - سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى شەخسلەر ئادەتتە ئىنسانىيەت تارىخىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلغانلىقتىن بولغان. دىنىي داھىي، ئالىم، سىياسىئون، ئېكسپېدىتسىيىچى، پەيلاسوپ ياكى كەشپىياتچىلار، دائىم ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مەسىلەن، ئىلىم پەننىڭ ئىلگىرىلىشى سىياسەت، ئىقتىساد مەسىلىلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى كۆرۈۋالماق ئانچە تەس ئەمەس ھەمدە بۇ دىنىي ئېتىقاد، پەلسەپىۋى قاراش ۋە سەنئەت تەرەققىياتلىرىغىمۇي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شېكېسپېر بارلىق ئەدەبىياتچىلار ئىچىدە تەڭدىشى يوق تالانت ئىگىسى. ھازىرقى زاماندا ۋىرگىل، گومېرلارنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇيدىغانلار ناھايىتى ئاز، بىراق شېكېسپېرنىڭ درامىسىنى قويىدىغانلار بولسا، تاماشىبىنلىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇمىغان ياكى درامىسىنى كۆرۈپ باقمىغانلار بولسىمۇ، دراما رولىدا قىلىنىدىغان سۆزلەردىن بىرەر ئىككى جۈملىنى يادلىيالايدۇ. ئۆتكەنكى 400 يىل ئىچىدە، شېكېسپېرنىڭ سەھنە ئەسىرى نۇرغۇنلىغان كىتابخان ۋە تاماشىبىنلارغا شاتلىق بېغىشلىدى؛ شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئەسىرى كېيىنكى نەچچە ئەسىر ئىچىدە يەنىلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.
گەرچە شېكېسپېر ئىنگىلىز تىلىدىلا ئەسەر يازسىمۇ، ئۇ يەنىلا دۇنياغا مەشھۇر شەخس. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىندى، ئۇنىڭ سەھنە ئەسىرى نۇرغۇن ئەللەردە قويۇلدى.
دۇنيا تارىخى
(1564 - 1616) ئەنگلىيە دراماتورگى، شائىرى. ستراتفورد بازىرىدىكى بىر باي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى يىللاردا ئۆز يېزىسىدىكى بىر مەكتەپتە لاتىن يېزىقى ۋە قەدىمقى يۇنان يېزىقىنى ئۆگەنگەن، كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. تەخمىنەن 1585 - يىلى يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى بىلەن، لوندونغا بېرىپ تېرىكچىلىك قىلغان. تىياتىرخانىنىڭ قارا خىزمەتچىسى، ئارتىس بولغان. كېيىن سەھنە ئەسىرى يېزىشقا بېرىلگەن. تەخمىنەن 1612 - يىلى يۇرتىغا قايتقان. نۇرغۇنلىغان داستان، شېئىر ۋە درامما يازغان. ھازىر 14 مىسرالىق شېئىرىدىن 154 پارچىسى ساقلانماقتا. درامىسى 37 بولۇپ، ئاساسلىقى تارىخىي درامىلىرىدىن <ھىنرى Ⅵ >، <ھىنرى Ⅳ >، <رىچارد Ⅱ دەۋرى>، <رىچارد Ⅲ دەۋرى>،<پادىشاھ جۈن>، <ھېنرى Ⅷ> قاتارلىقلار؛ كومىدىيىدىن <ياز كىچىسىدىكى چۈش>، <بىكارچىنىڭ چولىسى يوق>، <ۋېنېتسىيە سودىگىرى> قاتارلىقلار؛ تراگىدىيىدىن <رومىئو - جولېتتا>، <خاملېت>، <ئوتېللو>، <پادىشاھ لىر> قاتارلىقلار؛ رىۋايەت ئەسەرلىرىدىن <بوران - چاپقۇن> قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە16 -ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ چىرىكلىكى، قاراڭغۇلۇقى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ بايلىق ھەم ھوقۇققا بولغان ئىنتىلىشىچوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن؛ گومانىتارلىق، ئادەمنىڭ كۈچىگە ئىشىنىش، كىشىلىك تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش تەرغىپ قىلىنغان، خاسلىق ئازادلىقى، نىكاھ ئەركىنلىكى تەشەببۇس قىلىنغان؛ ھەققانىيەت مەدھىيلەنگەن، شېكېسپېرنىڭ سەھنە ئەسەرلىرى ئەنگىلىيە ۋە ھەتتا ياۋرۇپا ئەدەبىياتى ۋە تىياتىرنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.