Uyghur主要词典
شېن يىچيەن
دۇنيا تارىخى
(1535 - 1587) چاۋشىيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدە ئىككى تەبىقە مۆتىۋەرلەر گۇرۇھى ماجىراسى داۋامىدا بارلىققاكەلگەن غەربچىلەر گورۇھىنىڭ باشلىقى. كيۇنساندۇ ۋىلايىتىنىڭ چىڭسوڭ دېگەن يېرىدىن. ئىمسى فاڭشۇ، تەخەللۇسى يىئەن. مىڭزۇڭنىڭ خانىكىسى رىنشۇننىڭ ئىنىسى. 18 يېشىدا ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ تەشرىپتار بولغان. 1573 - يىلى (شۇەنزۇنىڭ 6 - يىلى) ئەمرى دىۋانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. دالاتچى بېگىتاللاش مەسىلىسىدە جىن شۇيۇەن بىلەن ھوقۇق تالىشىپ قېلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا گۇرۇھ تىكلىگەن. ئۇ سېئول شەھىرىنىڭ غەربىي رايونىدىكى جىن لىڭدوڭ دېگەن يەردە ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ گۇرۇھتىكىلەر غەربچىلەر دەپ ئاتالغان. 1575 - يىلى (شۇەنزۇنىڭ8 - يىلى) لىئېر (1536 - 1584)نىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن كائېسوڭغا كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەرنى قوغدىغان. 1581 - يىلى (شۇەنزۇنىڭ 14 - يىلى) گۇرۇھلار ماجىراسىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشى تۈپەيلىدىن كېنگىدو ۋىلايىتى پوجۇ ئايمىقىغا بېرىۋالغان.