Uyghur主要词典
شېھىت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «دىن يولىدا قۇربان بولۇش» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام دىنىدا جىھاد ئۈستىدە ۋاپات بولغان مۇسۇلمان «شېھىت» دېيىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە ئېيتىلىشىچە، شېھىت بولغان ئادەم بىۋاسىتە جەننەتكە كىرىدۇ. ئاللانىڭ ئەرىشى ئالدىدا ئالاھىدە ئورنى بولىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكى ئىماملارنىڭ كۆپىنچىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇلاردا شېھىتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. شېھىتلەرنىڭ قەبرىسى تاۋاپ قىلىنىدۇ. ھۈسەين ئەڭ ئۇلۇغ شېھىت ھېسابلىنىپ، ھەر يىلى ئۇنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ۋە باشقا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> دىن ياكى دىنىي مەزھەپلەرنىڭ غالىبىيىتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش - جەڭلەردە قۇربان بولغان، جېنىنى پىدا قىلغان شەخس.
شېھىت بولماق.
ۋەتەن - خەلق ئۈچۈن، ھەققانىيەت ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان، ھەقىقەت يولىدا قۇربان بولغان كىشى.
شەپقەت ھەمشىرىلىرىمىزمۇ دۈشمەنگە قارشى كۈرەش مەيدانىدا شېھىت بولغان ۋەتەننىڭ قەھرىمان ئەزىز پەرزەنتلىرى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.