Uyghur主要词典
شەرتسىز رېفلېكس
بىئولوگىيە
ئادەم ۋە ھايۋانلاردا تۇغۇلغاندىلا بولىدىغان رېفلېكس پائالىيىتى. سىستېمىلىق تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللىنىپ، مۇستەھكەملەنگەن ۋە نەسىل قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭ نېرۋا ئالاقىسى مۇقىم بېكىتىلگەن بولۇپ، بىر خىل تۆۋەن دەرىجىلىكرەك نېرۋا پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئوزۇقلۇقنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا شۆلگەي ئاجرىتىدىغان ئوزۇقلۇق رېفلېكسى، قولنىڭ زەخىملەش خاراكتېرىدىكى تەسىرگە يولۇققاندا تەبىئىي ھالدا قايتىپ قىسقىرايدىغان مۇداپىئە خاراكتېرلىك رېفلېكسى ھەم جىنسىي رېفلېكسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىرقىي ئورۇقلاردىن قالغان شەرتسىز رېفلېكسلار ھېسابلىنىدۇ.
پسىخولوگىيە
بۇ ھايۋان ۋە ئادەمدە تۇغما بولىدىغان، گېنېئالوگىيىلىك تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللىنىپ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن رېفلېكس بولۇپ، ئۇنىڭ نېرۋا باغلىنىشى مۇقىم بولىدۇ. مەسلەن: يېمەك - ئىچمەك رېفلېكسى، جىنسىي رېفلېكس، قوغدىنىش رېفلېكسى قاتارلىقلار شەرتسىز رېفلېكسلاردۇر. شەرتسىز رېفلېكس ئورگانىزمنىڭ مۇھىت بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىغا كېپىللىك قىلىدىغان ئاساسىي رېفلېكس بولۇپ، ئادەتتە بىر ئۇنى تۇغما قابىليەت دەيمىز.