Uyghur主要词典
شەرتلىك رېفلېكسنىڭ دەسلەپكى كېڭىيىپ كېتىشى
پسىخولوگىيە
شەرتلىك رېفلېكسنى بەرپا قىلىش جەريانىدا، نېرۋا جەرياننىڭ تارقىلىشى ۋە مەركەزلىشىشى تۈپەيلىدىن، شەرتلىك رېفلېكس دەسلەپكى كېڭىيىپ كېتىدىغان ۋە دېففېرېنىسىيىلىنىدىغان ھادىسە يۈز بېرىدۇ. شەرتلىك رېفلېكس شەكىلىنىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە شەرتلىك رېفلېكسنى يالغۇز شەرتلىك غىدىقلىغۇچلا قوزغىماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان غىدىقلىغۇچلارمۇ قوزغىشى مۇمكىن. مانا بۇ خىل ھادىسە شەرتلىك رېفلېكسنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېڭىيىپ كېتىشى ياكى ئاددىي قىلىپ، كېڭىيىپ كېتىشى دەپ ئاتىلىدۇ. كېڭىيىپ كېتىش ئورگانىزىمغا تەسىر قىلغۇچى غىدىقلىغۇچ تېخى تۇراقلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا بېرىلگەن تېگىشلىك جاۋابتۇر.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。