Uyghur主要词典
شەرتلىك تورمۇزلىنىش
پسىخولوگىيە
(كەڭ مەنىدە) « ئىچكى تورمۇزلىنىش » قا قاراڭ.
پسىخولوگىيە
( تار مەنىدە ) شەكىللىنىپ بولغان شەرتلىك رېفلېكسنىڭ غىدىقلىغۇچىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز غىدىقلىغۇچنى بىر لەشتۈرۈپ ئورگانىزىمغا تەسىر قىلغاندا كۈچەيتىلمەي، پەقەت ئەسلىدىكى شەرتلىك رېفلېكسنىڭ غىدىقلىغۇچىسى بىلەن تەسىر قلغاندا كۈچەيتىلسە، جۈملىدىن بۇ ئىش بىر قانچە قېتىم تەكرارلانسا، ئورگانىزمدا پەقەت ئىلگىرىكى غىدىقلىغۇچقا نىسبەتەن قوزغىلىش خاراكتېرلىك ( مۇسبەت ) شەرتلىك رېفلېكس ھاسىل بولىدۇ. ئەمما، مۇناسىۋەتسىز غىدىقلىغۇچقا بىرلەشتۈرۈپ ئورگانىزىمغا تەسىر قىلغاندا، تورمۇزلىنىش ( مەنپىي ) خاراكتېرلىك شەرتلىك رېفلېكس ھاسىل بولىدۇ.مۇشۇنداق مۇسبەت غىدىقلىغۇچنى مۇناسىۋەتسىز غىدىقلىغۇچ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قىلىنغان تەسىر پەيدا قىلغان تورمۇزلىنىش جەريانى شەرتلىك تورمۇزلىنىش ( تار مەنىدە ) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ رولى ئورگانىزمنى ئوخشاش غىدىقلىغۇچنىڭ ئوخشىمىغان شارائىت ئاستىدا سىگنال مەنىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى پەرق ئىتەلەيدىغان قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ ماھىيەتتە دىففېرېنسيىلىنىش تورمۇزى بىلەن ئوخشاش بىر خىل ئىچكى تورمۇزلىنىش.