Uyghur主要词典
شەرتلىك غىدىقلاش
بىئولوگىيە
<شەرتلىك تەسىر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ شەرتلىك رېفلېكسنى قوزغىتالايدىغان غىدىقلاشلاردۇر. بۇنداق غىدىقلاشلارنىڭ ئەسلىدە ئورگانىزمنىڭ مەلۇم فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق (مۇناسىۋەتسىز ھەرىكەت سەۋەبى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ھايات جەريانىدا ياكى سۈنئىي ھالدا، مۇشۇنداق مۇناسىۋەتسىز ھەرىكەت سەۋەبلىرى بىلەن شەرتسىز رېفلېكس قوزغىتالايدىغان شەرتسىز غىدىقلاشلارنى بىرلەشتۈرۈپ ھايۋانلارغا كۆپ قېتىم تەكرار تەسىر قىلدۇرغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتسىز ھەرىكەت سەۋەبلىرىمۇ شەرتسىز غىدىقلاشلارغا ئوخشاشلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئورگانىزمنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىنى قوزغىتالايدىغان بولىدۇ. مەسىلەن، قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن توخۇنىڭ ئوزۇقلىنىشى ئەسلىدە ھېچبىر مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، توخۇ يەم يېيىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ئەتەي قوڭغۇراق چېلىپ ئاندىن يەم بەرگەندە ھەم قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن يەم بېرىشنى مەلۇم مەزگىل بىرلەشتۈرۈپ كۆپ قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن توخۇلار قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا تېز يۈگۈرۈپ كېلىپ يەم يەيدىغان بولىدۇ. بۇ چاغدىكى قوڭغۇراق ئاۋازى يەم بېرىشنىڭ سىگنالىغا ئايلىنىپ ئوزۇقلىنىش خاراكتېرىدىكى شەرتلىك رېفلېكسنىڭ شەرتلىك غىدىقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنى توخۇنىڭ يەم يېيىشىگە مۇناسىۋەتسىز ھەرىكەت سەۋەبى دېيىشكە بولماي قالىدۇ.