Uyghur主要词典
شەرق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆت تەرەپنىڭ بىرى، غەربنىڭ قارشى تەرىپى، كۈن چىقىدىغان تەرەپ.
يېقىن شەرق؛ ئوتتۇرا شەرق؛ يىراق شەرق. شەرق ئەللىرى؛
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېئىر - قوشاق بىلەن كۈي ئاھاڭنىڭ بىرىكمىسى. <ئېيتماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ. كىشىلەر بەلەن ئاۋاز بىلەن ئېيتىدۇ.
<ناخشا> ئومۇمىي نام.
<غەزەل> قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
<شەرق> 30 - يىللاردا ئوقۇغۇچىلار ناخشىسىنى كۆرسىتەتتى.
<مارش> قوشۇن يۈرۈش قىلغاند
يىغلاپ يۈرۈپ ياشىغۇچە، ناخشا ئېيتىپ ئۆلگەن ئەلا. ناخشا ياڭرىغان يەردە ھاياتنى نەس باسماس. يېڭىدىن غەزەل چىقتى، ئېيتالماي جېنىم چىقتى. غەزەلنى باشلىماق تەس. <بىز ئىزچىلار بىز> دېگەن شەرقنى 30 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئېيتاتتى. <پىدائىيلار مارشى> ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ گېمىنى.
ئۆلەن:
ھاي - ھاي ئۆلەن، جان ئۆلەن، ئۆلەن كۆپتۈر، يار - يار.
ئۆلەن ئېيتقان تىلىڭدىن ماڭا ئۆپتۈر، يار - يار.
يار - يار:
تاغدا تايچاق كىشنەيدۇكەن، ئات بولدۇم دەپ يار - يار، ئات بولدۇم دەپ،
ئۆيدە كېلىن يىغلايدۇكەن، يات بولدۇم دەپ، يار - يار، يات بولدۇم دەپ.
لاي - لاي:
چەش دۆۋىلىنىپ تاغ بولدى ئەجرىمىزدىن لاي - لاي -لاي،
تاشتى شادلىق سەل بولۇپ قەلبىمىزدىن لاي - لاي - لاي،...
ئەللەي:
قاراڭغۇدا تۇغۇلدۇڭ، ئەللەي بالام، ئەللەي،
بۇشۇگۈڭدە بۇغۇلدۇڭ، ئەللەي بالام، ئەللەي...
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىنىڭ بىرى، يەنى غەربنىڭ قارشىسىدىكى، كۈن چىقىدىغان تەرەپ؛ كۈنچىقىش.
شەرق شامىلى.
غەربىي ياۋروپاغا نىسبەتەن شەرق تەرەپتىكى مەملىكەتلەر، جايلار.
يېقىن شەرق. يىراق شەرق. ئوتتۇرا شەرق