Uyghur主要词典
شەرققە ساياھەت قىلىش ھەركىتى
领域: دۇنيا تارىخىۋيېتنامنىڭ ئىلغار زىيالىيلىرىنىڭ ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇش ھەركىتى. ياپونىيە ۋيېتنامنىڭ شەرق تەرىپىدە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋيېتنامنىڭ بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلىرى جۇڭگولۇق كاڭ يۇۋىي، لياڭ چىچاۋلار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ياپونىيە مېيجىيېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىگە تەقلىد قىلىپ،فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلماقچى بولغان. 1904 - يىلى ئىسلاھاتچىلار كوللىكتىپى يېڭىلىققا كۆچۈش ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللىگەن. 1905 - 1908 - يىللىرى ئارىلىقىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەمنى ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇشقائۇيۇشتۇرغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋيېتامنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ،ئۇلار ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت ئۆگىنىشتىن سىرت، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقاتىنى زور كۈچبىلەن ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ ۋەكىلى بولغان فەن پېيجۇ يەنە ياپونىيىدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئىنقىلابچى سۇن جۇڭسەن قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىلاشقان ھەمدە ياپونىيىنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى ئەربابلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان. ھەرىكەت مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغان.فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ياپونىيە ھۆكۈمران گورۇھ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ كۈچىنىڭ بارىچە توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. 1908 - يىلى 9 - ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋيېتنامنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپىنى تارقىتىۋېتىپ، ۋيېتناملىقلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان، ھەرىكەت يىمىرىلگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。