Uyghur主要词典
شەربەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تاتلىق ئىچىملىك:
كېسەلگە بېرىلىدىغان سۇيۇق دورا:
لەززەت، بەھرە ئېلىش:
ئۇسسەغان يىسەلەر نە راھەتدۇر،
شەربەتىن ئىچسە ھەلاۋەتدۇر.
ئەخمەتشا قاراقاشى.
2. بۇ يۇرغىل يەنە سەبر، ئەي تەبىب، تەڭرى ئۈچۈن،
كى ئۇشبۇ شەربەت ئېمەس شەزاۋەر ماڭا.
نەۋايى.
3. ئىشى دائىم ۋىسالىمنى تەلەبدۇر،
جەمالىم شەربەتىگە تەشنەلەبدۇر.
ناقىس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشىپ يېتىلگەن مېۋىلەردىكى قەنت ماددىسى، شۇنىڭدىن قىلنغان شېرىن سۇيۇقلۇق.
ئۆلۈم شەربىتى ئاچچىق بولسىمۇ ھەممە ئىچەر. ھەرە يازدا ئىشلەپ، قىشتا شىرنە يەر. شېكەر قىيامىغا يەتكەندە قىيام بولار. شىرنىسى تاتلىق بولسا، يېيىشلىك بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پىشقان ھۆل مېۋىنىڭ تەركىبىدىكى قەنت ماددىسى، شىرنە؛ مېۋە سۈيى.
9 - ئايدا تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى شەربەتكە تولىدۇ.
مېۋىنى مۇۋاپىق نىسبەتتىكى سۇغا سېلىپ قاينىتىشتىن ھاسىل بولغان سۇيۇقلۇق.
ئانار شەربىتى. ئەنجۈر شەربىتى. جىگدە شەربىتى.