Uyghur主要词典
شەيخۇل ئىسلام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىسلام دىنىدا ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋە:
فەقىر ئىلىم ئەھلىدىن ياخشى كۆرە، بۇ تۈرگە جاھىلىنى،
كى قىلدى شەيخۇل ئىسلامكىم ئىبادەت ئىچرە كاھىلىنى.
موللا نىياز.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئىسلام دىنىدا يۇقىرى ئىناۋەتلىك، مول بىلىملىك زاتلار شۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ. Ⅺ ئەسىردىن باشلاپ شەيخۇل ئىسلام سۆزى پەخرىي نام بولغاندىن كېيىن، ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئالىي دىنىي ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئادەمنىڭ نامى قىلىندى. ئوخشاشمىغان دەۋرلەردە ئوخشاشمىغان مەزھەپلەرنىڭ بۇ سۆزنى ئىشلىتىشى پەرقلىق بولدى. (1) فاتىمىيە سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆلىمالار تەبىقىسى ۋە تەسەۋۋۇپچى مۇخلىسلار شۇ نام بىلەن ھۆرمەتلىدى. (2) ⅩⅢ ئەسىردىن كېيىن نوپۇزلۇق مۇپتىلار شۇنداق دېيىلىدىغان بولدى. (3) يېقىنقى زاماندىكى پرىسىيىدە چوڭ شەھەرلەردىكى ئون ئىككى ئىمامچى ئالىي قازىلار شۇنداق دەپ ئاتالدى. ئۇلارنى ئادەتتە پادىشاھ ۋە ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە بىۋاسىتە تەيىنلىدى. (4) ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى پايتەخت ئىستامبولنىڭ باش مۇپتىسى «قازى قۇزات» دەپ ئاتالدى. ئۇنى سۇلتان ئۆزى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇردى.