Uyghur主要词典
شەيخىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
يېقىنقى زاماندا ئىراندىكى شىئە مەزھىپىنىڭ ئىلمىي تەۋھىد ئېقىملىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ئېقىمنى بەھرايىنلىك ئۆلىما شەيخ ئەھمەد ئەقسائى (1753 - 1826) ئىراندا بەرپا قىلغان. بۇ ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ ئىچىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئىسفەھانىيە ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان يېڭى ئېقىم بولۇپ، ئەقىدە ئىدىيىسى شىئە مەزھىپىدىكى ئون ئىككى ئىمامچىلاردىن تەسەۋۋۇپچىلاردىن پەرقلىنىدۇ. بۇ ئېقىمنىڭ ئەقىدە تەشەببۇسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئاللاغا ئىمان ئېيتىش توغرىسىدا بۇ ئېقىم مۇنداق دەپ قارىدى: ئىمان ئېيتىش ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىلىم ئالغۇچىلار بىلەن بىلىش ئوبيېكتلىرى ئوتتۇرسىدا مۇئەييەن ئوخشاشلىق بولغاندا ھەقىقەتكە يەتكىلى بولىدۇ. ئىنسان بىلەن ئاللا ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق مەۋجۇت بولمىغانىكەن، ئىنسان ئاللانىڭ زاتىنى بىلەلمەيدۇ؛ ئاللادىن كېلىدىغان بىلىم ئاللانىڭ ئەسلىي زاتىدىن ئايرىلمايدىغان ئاساسىي بىلىم ۋە ئاللا يارىتىش قەريانىدا پەيدا بولغان يارىتىش بىلىمىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئاللانىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل سۈپىتى شەكىللىنىدۇ. (2) پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىش توغرىسىدا بۇ ئېقىم مۇنداق دەپ قارايدۇ: پەيغەمبەر ئىنسان بىلەن ئاللا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىچىدۇر. پەيغەمبەر بىلەن ئاللا ئوتتۇرىسىدا ياخشىلىق بولمايدۇ، لېكىن، پەيغەمبەر ئاللانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشكە تاللىغان ئەلچىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەقىل - پاراسەتتە ھەممىدىن ھالقىپ كېتىدىغان، پەزىلەتتە مۇنەۋۋەر ئۈلگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئالىيجاناب روھى دۇنياسىغا تەسەۋۋۇپچىلاردىن باشقا <مۇكەممەل > كىشىلەر يېتەلمەيدۇ. (3) ئىمامغا ئىمان ئېيتىش توغرىسىدا، ئاللانىڭ ئىرادىسىدىن بىنا بولغان تۇنجى يارىتىلغۇچى <مۇھەممەد نۇرى> ئىكەنلىكىگە، بۇ نۇردىن پەيدا بولغان <ئىمام نۇرى> ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان <مۆمىنلەر نۇرى> ۋە ئۇنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئىمامنى ئاللانىڭ دۇنيانى يارىتىشىدىكى قورالى ۋە ئاخىرقى سەۋەبى، ئىنسان ئىمامدىن ئىبارەت مۇشۇ ۋاستىچى ئارقىلىق ئاللانى ۋە ئاللانىڭ ئىلتىپاتىنى چۈشىنەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. (4) دۇنيانىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا، ماددىي دۇنيا بىلەن مەنىۋىيەت ئوتتۇرىسىدا ئارىلىقتىكى دۇنيا مەۋجۇت بولۇپ، <ئەسلىي شەكىلدىكى ئوبرازلىق دۇنيا> دېيىلىدىغانلىقىغا، مانا شۇ دۇنيانىڭ ئەسلىي مەنبەسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ؛ ئەسلىي شەكلىدىكى دۇنيادا رېئال دۇنيادىكى جىمى شەيئىلەرگە ماس نەرسىلەر بولىدۇ، ئۇلار ئەسلىي شەكىلدىكى دۇنيانى مەنبە قىلىدۇ. شۇڭا ئىنساندا ئىككى تەن بولۇپ، بۇنىڭ بىرى ماددىي دۇنيادا، يەنە بىرى ئەسلىي شەكىلدىكى دۇنيادا مەۋجۇت بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىلەپ غايىب بولغان ئون ئىككىنچى ئىمام كىشىلەر بارالمايدىغان ئىككى ئىمام شەھىرى (ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ سۆزى) دە ئەمەس، بەلكى پانىي ئالەمدىن يىراقتىكى ئەسلىي شەكىللىك دۇنيادا تۇرىدۇ. بىلىمگە ئىنتىلگەن تەقۋادارلار ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىسىمۇ، ئىبادەت ئارقىلىق، ئىمامنىڭ سىرلىق بىلىملىرىگە ئىگە بولالايدۇ، دەپ قارايدۇ. (5) ئىماننىڭ ئاساسىي توغرىسىدا، شىئە مەزھىپى ئاللارغا، پەيغەمبەرگە، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىگە، ئىمامغا، ئاللانىڭ ئادىللىقىغا ئىمان ئېيتىشنى ئېتىقادنىڭ بەش پرىنسىپى قىلىدۇ. شەيخىيە بۇنىڭغا تۈزىتىش بېرىپ، ئاللاغا ۋە ئاللانىڭ ئادىللىقىغا ئىمان ئېيتىش ئەمەلىيەتتە بىر پرىنسىپ بولۇپ، <ئاللا توغرىسىدىكى بىلىم> دەيدۇ. ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىمان ئېيتىش پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇلارنى قوشۇۋېتىش كېرەك. شىئە مەزھىپىنىڭ ئۈچ پرىنسىپىنى ساقلاپ قىلىش بىلەن بىللە، غايىب ئىمامنىڭ ۋەكىلىگە ئىمان ئېيتىشنى قوشۇش كېرەك، دەپ قاراپ، ئىماننىڭ تۆت پرىنسىپى قىلدى. بىر قاتار دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدە - پرىنسىپلاردا شەيخىيە ئۆزىنى ئەنئەنىۋى ئون ئىككى ئىمامچىلار دەپ ھېسابلىغانلارغا ئوخشاش بولمىغاچقا، <بىدئەتلەر> دەپ ئەيىبلىنىپ بېسىمغا ئۇچراپ، 19 - ئەسىردىن كېيىن ئاجىزلىشىپ كەتتى، بۇ ئېقىمنىڭ ئىدىيىسى بابىيەلەر ھەرىكىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەنىدى. بۇ ئېقىمنىڭ 500 مىڭ مۇخلىسى بولۇپ، بۇلاردىن 200 مىڭى ئىرانغا، 300 مىڭى ئىراققا ۋە پارس قولتۇقى ياقىسىدىكى دۆلەتلەرگە تارقالغان