Uyghur主要词典
شەيخۇل جەبەل
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <تاغ شەيخى> دېگەنلىك بولىدۇ. ئەھلىسەلىب قوشۇنىدىكى تارىخچىلار سۈرىيىنىڭ ماسياد قەلئەسىدىكى ئاقساقال سىناننى <شەيخۇل جەبەل> دېگەنلىكتىن شۇنداق ئاتالدى. 1090 - يىلى ھەسەن بىننى ساباى باشچىلىقىدىكى ھەششاشۇنچىلار پرسىيە (بۈگۈنكى ئىران) دىكى جەزۋاننىڭ غەربىي شىمال تاغلىق رايونىغا <ئالامۇت> (بۈركۈت ئۇۋىسى دېگەن مەنىدە) قەلئە ياساپ، شۇ يەرنى پائالىيەت بازىسى قىلدى. كۈچى زارايغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى سۈرىيىنىڭ شىمالىدا، ئىراقتا لىۋاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قەلئەلەرنى ياسىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قەسىرە شەكلىدە سېلىنغان ئىمارەتلەر بولۇپ، باش دائى ۋە تەبلىغات ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرى ئۇ ئىمارەتلەردە كوللېكتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ، مەخپىي تەربىيىلىنىپ، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. 1256 - يىلى موڭغۇللار تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەششاشۇنچىلارنىڭ قەلئەلىرى بۇزۇۋېتىلدى. بىر قىسىم ئادەملىرى پرسىيە، ئومان، شىمالىي سۈرىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، بۈگۈنكى زانگىبار، ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ كەتتى.