Uyghur主要词典
شەيخ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قېرى، مويسىپت:
تەسەۋۋۇف يولىنىڭ باشلىقى: مازار باققۇچى: شەيخ.
1. دېدى شەيخ بۇ پاك ئاشىق ئىكەن،
ھەقىقەت ھەرىمىگە سادىق ئىكەن.
ئا. نىزارى.
2. جىلۋەگەر ئول تەب ھىلالى كۆرگەچ ئوق با ئىندۇرۇڭ،
كەئبەدە گەر سەيرگاھدۇر شەيخ مىھراب ئارزۇ.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مازار باققۇچى؛ قېرى؛ ئىشان؛ باشلىق، ئۇستاز؛ قولباشچى: شەيخى كازىب - يالغانچى شەيخ؛ شەيخۇل ئىسلام - ئىسلام دىنىدا ئەڭ چوڭ دىنىي مەنسەپ، ئۇنۋان، ئاتاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەركىي دۇنيا بولۇپ، ئىبادەتخانىلاردا تائەت - ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى.
«راھىب»، «ماناخ» لار ناسارادىن چىقىدۇ.
«شەيخ» گۆرىستاندا بولىدۇ.
«دەرۋىش»، «زاھىت» مۇسۇلمانلاردىن چىقىدۇ.
«تويىن»، «ساڭ» خەنزۇچە: 憎 ،道人 . بۇددىستلاردىن چىقىدۇ.
كاسايا كىيگەننىڭ ھەممىسى راھىب ئەمەس. ماناخ مائاش دېمەيدۇ. شەيخلارغا تەسەللىنىڭ ئالاقىسى يوق، ئېشەك مۈڭگۈز دېسە، خام خىيال قۇرۇق. خالتىدا نېمە بارلىقىنى دەرۋىش ئۆى بىلەر. زاھىتقا سەللە كېرەك ئەمەس، ئاشىققا دەللە.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «ئاقساقال»، «رەئىس» دېگەنلىك بولىدۇ. ئادەتتە ئىسلام دىنىدىكى ئابرۇيلىق ياكى مەرتىۋىلىك كىشىلەر مەسىلەن، دىنىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى، ئۆلىما ياكى مۇددەرس قاتارلىق كىشىلەر ھۆرمەتلىنىپ «شەيخ» دېيىلىدۇ. ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى ئەرەب قەبلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى شەيخ دەپ ئاتالغان، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردا ئاقساقاللار (چوڭلار) مۇشۇ نام بىلەن ھۆرمەتلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى بىلىملىك كىشىلەر، ئالىملار، ئۆلىمالار ۋە دىنىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇددەرىسلىرىگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان.
<دىن> تەرىقەت خانىقاسىنىڭ باش دەرۋىشى.
ئايىمخاننىڭ زارلىنىشىنى شەيخ ئاڭلىماسقا سېلىپ، مۇرتلارغا كايىپ: - قىزىق تۇتۇڭلار، سوۋۇپ قالماڭلار! ... ھە! - دەيتتى.
<دىن> مازار، زىيارەتگاھ قاتارلىقلاردا، ئەۋلىيالارغا، خۇدا يولىغا ئاتالغان سەدىقە ۋە نەزىر - نىيازلار ھېسابىغا ياشايدىغان كىشى، مازارغا قارىغۇچى.
ھازىر ئۇ شەيخ بولۇۋاپتۇ.
كۆچمە. تەييار، بىكار تاماققا ئادەتلەنگەن كىشى.
ئاتام مازارغا شەيخ، مەن تەييارغا شەيخ (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇستاز، پىر، قېرى، پېشىۋا