Uyghur主要词典
شامپان بازىرى
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا زېمىنىدىكى مەشھۇر خەلقئارالىق بازار. ھەريىلى فرانسىيىنىڭ شامپان رايونىدىكى پروۋىن، بار - سۇر - ئائۇبى، ترويې ۋە لاگى قاتارلىق تۆت شەھەردە نۆۋەت بىلەن ئالتە قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن، ھەر قېتىمقىسىنىڭ ۋاقتى ئالتە ھەپتە بولغان. مەزكۇر بازار Ⅺئەسىردە مەيدانغا چىققان بولۇپ، 12 - ئەسىردىن 14 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تازا روناق تاپقان. ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرى شۇنىڭدەك غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى سودىگەرلەرمۇ بۇ جايغا بەس - بەستە كەلگەن. بۇ بازاردا ئالماشتۇرۇلىدىغان تاۋارلار ئاساسەن توقۇلما بۇيۇملار، ئالتۇن - كۈمۈش جابدۇقلىرى، كۆن - خۇرۇم مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شۇنىڭدەك شەرقىنىڭ زىننەت بۇيۇملىرى، خۇش پۇراق ماتېرىياللىرىدىن ئىبارەت. شامپان بازىرى بازار قانۇنى ۋە بازار سوتىنىڭ قوغدىشىغا مۇيەسسەر بولغان. شامپان گرافى باج ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.