Uyghur主要词典
شامان دىنى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
شامان دىنى ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن ئېتىقاد قىلغان دىن بولۇپ، ئۇدەسلەپ ئورال - ئالتاي قوۋملىرى ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن شامان دىنى ئاساسەن شۇ رايونلار ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردا كەڭ تارقالغان. شامان دىنى ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇش دەۋرىدە ھاسىل بولغان ئەقىدە - ئېتىقادلىرى مۇجەسسەملەشتۈرۈلۈش ئاساسىدا قامانلار تەرىپىدىن تەرغىپ - دالالەت قىلىنغان بىر ئىلاھلىق دىن ئىدى. ئۇنىڭدا <دۇنيا ياخشى - يامان روھلار (جىن - شاياتۇن) بىلەن تولغان>، <قامان يامان روھلارنى قوغلاپ، ياخشى روھلارنى قوغدايدۇ>، <قامانلار ھەممىگە قادىر> دېگەن قاراشلار تەرغىپ قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئېتىقاد قىلدى. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن تەدرىجىي مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغان. ئەنە شۇنداق ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئەجدادلىرىمىز بۇرۇن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن كۆپ ئىلاھلىق دىن ئەقىدە - ئادەتلىرى، شامان دىنى شارائىتىغا ماسلىشىپ داۋاملىشىپ كەلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دىن
ئىپتىدائىي دىنلاردىن بىرى. ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسىملىرىغا تارقالغان. بۇ دىننىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى يامان روھلارنىڭ ئەسكىلىكلىرىنى قايتۇرۇش ۋە ياخشى روھلارنىڭ ياخشىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيا ياخشى ۋە يامان روھلار بىلەن تولغان، شامان دەپ ئاتالغان روھانىيلار ۋاسىتىسى بىلەن يامان روھلار قوغلىنىپ، ياخشى روھلارنىڭ ياخشىلىقلىرى داۋام قىلدۇرۇلىدۇ دەپ قارىلىدۇ.