Uyghur←Chinese主要词典
شامپان بازىرى
دۇنيا تارىخى
香槟集市
xiāng bīng jí shì
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا زېمىنىدىكى مەشھۇر خەلقئارالىق بازار. ھەريىلى فرانسىيىنىڭ شامپان رايونىدىكى پروۋىن، بار - سۇر - ئائۇبى، ترويې ۋە لاگى قاتارلىق تۆت شەھەردە نۆۋەت بىلەن ئالتە قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن، ھەر قېتىمقىسىنىڭ ۋاقتى ئالتە ھەپتە بولغان. مەزكۇر بازار Ⅺئەسىردە مەيدانغا چىققان بولۇپ، ⅡⅩ ئەسىردىن ⅣⅩ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تازا روناق تاپقان. ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرى شۇنىڭدەك غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى سودىگەرلەرمۇ بۇ جايغا بەس - بەستە كەلگەن. بۇ بازاردا ئالماشتۇرۇلىدىغان تاۋارلار ئاساسەن توقۇلما بۇيۇملار، ئالتۇن - كۈمۈش جابدۇقلىرى، كۆن - خۇرۇم مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شۇنىڭدەك شەرقىنىڭ زىننەت بۇيۇملىرى، خۇش پۇراق ماتېرىياللىرىدىن ئىبارەت. شامپان بازىرى بازار قانۇنى ۋە بازار سوتىنىڭ قوغدىشىغا مۇيەسسەر بولغان. شامپان گرافى باج ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.