Uyghur主要词典
سامۇئىل
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1014) غەربىي بولغارىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (997 - 1014). مىلادى 969 - يىلى ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى غەربىي بۇلغارىيە فېئودال ئاقسۆڭەكلىرى تۇنجى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ، غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 729 - يىلى شەرقىي شىمالىي بۇلغارىيەنى ۋىزنتىيە بېسىۋالغان. سامۇئىل ئەسكەر باشلاپ بېرىپ ۋىزانتىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، قولدىن كەتكەن يەرلەنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتۇرىۋالغان. كېيىن يەنە ۋىزانتىيەنىڭ قولىدىن ماكېدونىيە (سالونىكا بۇنىڭ سىرتىدا)، سېسالى، ئىپىروسىل ھەمدە ئالبانىيەنىڭ بىرقىسمىنى تارتىۋالغان. 997 - يىلى ئىمپېرىيە قۇرۇپ،ئوخرىد (ھازىرقى يۇگوسلاۋىيىدە) نى پايتەخت قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ۋىزانتىيە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، 1014 - يىلى ساموئىلنى مەغلۇپ قىلغان، 1018 - يىلى ئوخرىدنى ئىشغال قىلغان، شۇنىڭ بىلەن غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقى يوقىلىپ، بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىمۇ ئاخىرلاشقان.