Uyghur主要词典
سامۇدېرا پاساي سۇلتانلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندونېزىيىدە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان ئىسلام دۆلىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھىندىستاننىڭ گۈجەرەت شتاتى ۋە بېنگالدىكى مۇسۇلمان سودىگەرلەر ئارقىلىق ئىسلام دىنى سۇماتېراغا كىردى، دەسلەپ پېرلاكتا مۇسۇلمانلار جامائەسى شەكىللەندى. كېيىن سامۇدېرا ئىسلام مەركىزى بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ مەركەز پاسايغا يۆتكەلدى. ئۇلار مالاكا بوغۇزىنىڭ سودىسىنى كونترول قىلىپ كۈنسايىن كۈچەيدى ھەمدە ئىسلام دىنىنى پائال تەرغىب قىلدى. 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى مەدجاپاش (1293 - 1478) غا قاراشلىق بولۇپ قالدى. 15 - ئەسىردىن كېيىن خارابلاشتى. تۇنجى سۇلتان مالىك سالىھ (؟ - 1297) نىڭ قەبرە ئابىدىسى بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم دەلىلى ھېسابلىنىدۇ.