Uyghur主要词典
سامۇرايلار گۇرۇھى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيەنىڭ خىيئان دەۋردە شەكىللەنگەن قورۇق ئەمەلدارلىرىنى يادرو قىلىپ تەشكىللەنگە ھەربىي گۇرۇھ. بەگلىك ئەمەلدارلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئۆزئارا ھوقۇق ۋە زېمىن تالىشىشنى مەقسەت قىلغان. دەسلەپتە ئۇ قوۋم مۇناسىۋىتىنىڭ بىرلىشىشى بولۇپ، قورۇق ئەمەلدارلىرى ئۆز جەمەتىنى بىرلەشتۈرۈپ تەشكىللەپ چىققان. كېيىن مەركەزدىن يەرلىككە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئاقسۆڭەكلەر يەرلىك زېمىندارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خوجايىنلىق ۋە بېقىندىلىق مۇناسىۋەت (سوريو تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى شەكىللەندۈرگەن. خوجايىن قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ ئۆزىنىڭ بېقىندىسى قىلغان. خوجايىن بېقىندىلىرىغا يەر بەرگەن ۋە ھەر جەھەتتىن ھامىيلىق قىلغان؛ بېقىندىلار خوجايىنغا مۇتلەق سادىق بولغان ھەمدە ھەربىي ۋە باشقا مەجبورىيەتلەرنى ئۆتىگەن. خوجايىننىڭ جەمەتىگە تەۋە بولغان. بېقىندىلار <ئائىلە پەرزەنتلىرى> دەپ ئاتالغان، غەيرىي جەھەتتىن بولغان بېقىندىلىرى <ئەزىمەتلەر> دەپ ئاتالغان. ھەرقايسى جايلارادا شەكىللەنگەن سامۇرايلار گورۇھى ئىچىدە خۇەن ۋۇپىڭ جەمەتى بىلەن چىڭ خېيۇەن جەمەتى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، سامۇرايلار ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى سامۇرايلار كۈچلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ، ھەربىي فېئوداللارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھاكىمىيەت تۈزۈمى شەكىللەنگەن. سامۇايلار گورۇھىنىڭ بىرلىشىش فورماتسىيىسى قانداشلىق مۇناسىۋەىتى ۋە رايون مۇناسىۋىتىنىڭ بىرلىشىشىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە، بەگلەر ئەمەلدارلار گورۇھىنى تەشكىللىگەندىن كېيىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.