Uyghur主要词典
سامنى ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى رىملىقلاربىلەن ئىتالىيە ئاھالىسى بولغان سامنىلار ئۇرۇشى. چوڭراق كۆلەمدىكى ئۇرۇش ئۈچ قېتىم بولغان. بىرىنچى قېتىم (مىلادىدىن ئىلگىرى 343 - 341): مۇنبەت كامپاتىيە رايونىنى تالىشىشتىن كېلىپ چىققان، نەتىجىدە سامنىلار يېڭىلىنىپ، رىم كامپانىيە رايونىنىڭ كۆپ قىسمىنى (جۈملىدىن كاپۇئانى) ئىشغال قىلىۋالغان. ئىككىنچى قېتىم (مىلادىدىن ئىلگىرى 327 - 304): كائۇدىئۇم (كامپانىيەنىڭ شەرقى) جىلغىسىدىكى جەڭدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 321) رىم ئەسكەرلىرى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، باش ئىگىپ تەسلىم بولغان. بىر مەھەل ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىن، رىملىقلار تەييارلىق قىلىۋېلىپ، يەنە ئۇرۇش قوزغاپ، غەلىبە قازانغان، ئۈچىنچى قېتىم (مىلادىدىن ئىلگىرى 290 - 296)، مىلادىدىن 296 يىل ئىلگىرى سېنتىنوم (ئۇمبرىيە چېگرىسى ئىچىدە)دا ھەل قىلغۇچ جەڭ بولۇپ، سامنىلار بىلەن گاللىلار بىرلەشمە قوشۇنى رىم تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. سامنىلار ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلرى كەينى - كەينىدىن بويسۇنغان، رىم ئاخىرى ئوتتۇرا ئىتالىيەنى بويسۇندۇرۇشنى ئورۇنلىغان.