Uyghur主要词典
ساما
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
(كونىرىغان سۆز. ئەسلى: سما) .ئاسمان، ئاسمان - پەلەك، كۆك.
سامادا پەرۋاز قىلماق. ساماۋى خان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ئەسلى زىكرى ساما، سما.
ساما سالماق.
2 . ھازىر چوڭ تىپتىكى بىر خىل كوللېكتىپ ئۇسسۇل.
قەشقەر ھېيتگەاھدا ھېيىت - ئايەملەردە ساما بولۇپ تۇرىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاياغ ئويۇنلىرى.
<ئۇسسۇل> ئومۇمىي ئات، كۆپىنچە مىللىي ئۇسسۇلنى كۆرسىتىدۇ.
<تانسا> ياۋروپادىن كىرگەن، ئەر - ئايال جۈپ بولۇپ ئوينايدۇ.
<ساما> ئاساسەن ئەرلەر ئۇسسۇلى، كىشىلەر توپ بولۇپ، كەڭ مەيداندا ئوينايدۇ.
<دىسكو> يېڭى ئۇسسۇل، <زامانىۋى ئۇسسۇل> د
ئۇسسۇل ئوينيالمايدىغان قىزغا ئۆينىڭ تارلىقى باھانە. چالا ئۇسسۇلچىغا ئىشتىنىمۇ پۇتلىشار. تانسا كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ئومۇمىيلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ساما سالغاننىڭ ھەممىسى خوشال دېگىلى بولماس. دىسكو رىتىمىنىڭ تېزلىكىدىن ياشلارغا يېقىپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئاسمان، كۆك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ناغرا ئۇسسۇللىرىدىن بىرى. 4/4 تاكت ئۆلچىمىدە ئىجرا قىلىنىدۇ. كۆپىنچە ھېيت - بايراملاردا ئوپچا ئوينىلىدۇ.
سوپى - ئىشانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەردە، زىكىر، تەلقىنگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل ھەرىكىتى. كۆپىنچە ئىككى قول ئالدى - كەينىگە تاشلىنىپ، بەل ئېگىلگەن ھالدا پىرقىراپ ئوينىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، كوللېكتىپ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تۈزۈپ نەشرگە تەييارلىغان. مىللەتلەر نەشرىياتى 1982 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا ئابلىمىت سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر، ئابلا ئەخمىدى، سۇلتان ھاشىم، مەمتىمىن شىپە، ھېمىت مەخسۇت، سىيىت زۇنۇن، ئالىمجان ئىسمائىل، دادىل قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ <ئائىلە يوقلاش>، <ئوقۇتقۇچى>، <ساما>، <يېڭى باشلىق>، <ئاق چاچلىق يىگىت> قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن.